新闻详情

زۇكىمىنى ساقايتىمەن دەپ نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىۋالغان ئادەم

发表时间:2020-10-23 12:52作者:alkuyi来源:nur

ھەممىگە ئايانكى، پېنىتسىللىن «青霉素» بىر خىل زەھىرى تۆۋەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىيوتىكلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ئىنسانلارنىڭ باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن ھەمدە ئانتىبىيوتىكلار جەمەتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. نەچچە ئون يىل مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە پېنىتسىللىن ئۆپكە ياللۇغى، كۆيدۈرگە، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن، 90 نەچچە يىل ئىلگىرى بىر بىيولوگ زۇكام بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ماڭقا شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ تەتقىق قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا پېنىتسىللىننى بايقاپ، نەچچە يۈز مىليون ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

ئالېكساندېر فلېمىنگ 1881-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوكفىلد دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ باكتېرىئولوگىيە ئالىمى، مىكرو بىئولوگىيە ئالىمى. 1921-يىلى 11-ئايدا، ئۇ ئېغىر زۇكام بولۇپ قېلىپ دورا يېسىمۇ پايدىسى بولمىغان. ئۆزى دوختۇر بولغاچقا، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى ئېلىپ، قاتتىق ئۆستۈرگۈچكە تېمىتىپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بىر خىل يېڭى سېرىق شارچە باكتېرىيەنى يېتىشىپ چىققان. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ ئۆستۈرۈش قاچىسىنى تازىلاشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغاندا، مىكروسكوپ ئاستىدا بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقىغان.

ئۆستۈرگۈچنى شارچە باكتېرىيەنىڭ كىلونلانغان باكتېرىيەلىرى بىر ئالغان بولۇپ، ئەمما شىلىمشىق ئورۇن بولسىلا شارچە باكتېرىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان، ئۇنىڭدىن سەل يىراقراق ئورۇندا يەنە بىر خىل يېڭى كىلون توپى پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى خۇددى ئەينەككە ئوخشاش يېرىم سۈزۈك ھالەتتە كۆرۈنگەن. بۇ بايقاش ئۇنى ئىنتايىن خۇشال قىلغان ۋە ھاياجانلاندۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېڭى كىلون تۈركۈمى بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىدىكى يېڭى شارچە باكتېرىيەدىن كەلگەن. بىراق، فلېمىنگ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھېچقانداق يېڭى شارچە باكتېرىيىنىڭ يوقلۇقىنى، بەلكى ئەسلىدىكى باكتېرىيىنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىدا باكتېرىيەنى ئېرىتىدىغان ئېنزىم بايقالغان.

فلېمىنگ ئارقىدىنلا يەنە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەركىبىدە سېرىق شارچە باكتېرىيە بولغان بىرىنچى ئۆستۈرگۈچكە بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى قوشۇپ، ئىككىنچى ئۆستۈرگۈچكە بىر خىل ئاق شارچە باكتېرىيە قوشقان، ئۈچىنچىسىنى ھاۋا بىلەن ئۇچراشتۇرغان. تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، بىرىنچى ئۆستۈرگۈچنىڭ نەتىجىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش چىققان، ئەمما ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئۆستۈرۈش ئۇلىغا كىلون باكتېرىيە تولۇپ كەتكەن. نەتىجىدە يېرىم سۈزۈك ھالەتتىكى باكتېرىيەنىڭ پەيدا بولۇشىنى ھاۋا ياكى باشقا باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقارماستىن، بەلكى بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىدىكى مەلۇم خىل ئېنزىم كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن ئۇ يەنە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتا ئانتىبىيوتىكلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى لېيتېر بۇ خىل ماددىغا «باكتېرىيە ئېرىتكۈچى فېرمېنت» دەپ ئىسىم قويغان. چۈنكى، ئۇ باكتېرىيىنى ئېرىتەلەيتتى. سېرىق رەڭلىك باكتېرىيىگە مىكرو شارچە باكتېرىيەسى دەپ ئىسىم قويغان.

باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىمنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، فلېمىنگ تەرەپ ــ تەرەپتىن ئادەم ئىزدەپ كۆز يېشى، بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ توپلاپ يۈرگەن، خىزمەتداشلىرى ئۇنى كۆرگەندە ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان. 1922-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇلار تۇخۇم ئېقى ئىچىدىن ئاكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىمنى بايقاپ، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىمنىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. كېيىنكى يەتتە يىلدا، فلېمىنگ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىزچىل تۈردە ئۇنى تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. چۈنكى، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى فېرمېنتنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچى ئاجىز بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەرگە پايدىسى يوق ئىدى.

1928-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، فلېمىنگ نۇرغۇن تازىلانمىغان ئۆستۈرۈش ئوزۇقىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن ئۇلارنى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان جايغا قويغاندىن كېيىن، دەم ئېلىشقا كەتكەن. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ دەم ئېلىشتىن قايتىپ كېلىپ ئۇدۇللا تەجرىبىخانىغا بارغان ھەمدە ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تۇنجى ئۆستۈرۈش قاچىسىنى قولىغا ئېلىپ قارىغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئۈستىدە باكتېرىيە ئېرىتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بىر پارچە ئاق رەڭلىق ماددىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن پېنسىلىن دۇنياغا كەلگەن. فلېمىنگ پېنسىلىننى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن شان ـ شەرەپ، ھەتتا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەنگلىيەلىك پاتولوگ فلاۋرې، گېرمانىيەلىك بىيوخىمىيە ئالىمى چاننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ ئۆزگەرتىشى ئارقىسىدا، پېنسىلىن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە ئىشلىتىلىپ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق دورا بولۇپ كەلگەن.


分享到: