新闻详情

ماسكىنى ئۇزۇن ۋاقىت تاقاش سەۋەبلىك دانىخورەك چىقسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

发表时间:2020-10-23 12:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

2020102311482252711.jpgthumb_210_150.jpg

ھەر كۈنى سىرتقا چىققاندىكى زۆرۈر نەرسە قايسى؟ يان تېلېفون ئەمەس، ماسكا! ماسكا تاقىماي سىرتقا چىقساق، ئۆزىمىزنى خۇددى يالىڭاچ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز. يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كۆپچىلىك ئاڭلىق ھالدا ماسكا تاقايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردى. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن خىزمەتچىلەر بىر كۈندە 10 سائەتتىن ئارتۇق ماسكا تاقايدىغان بولدى. ماسكا تاقاپ مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزىبىر «باش ئاغرىقى» پەيدا بولدى، مەسىلەن: ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، دېمى سىقىلىپ دانىخورەك چىقىش. ماسكا تاقىسا نېمىشقا دانىخورەك چىقىدۇ؟ دېمى سىقىلىپ دانىخورەك چىقىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ ئەگەر دانىخورەك چىققان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟  ماسكا تاقاپ دېمى سىقىلىپ دانىخورەك چىقىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:

  گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋېڭ جىشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماسكا تاقاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ماسكا بېسىش سەۋەبلىك يۈزنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئېغىز-بۇرۇندىن توختىماي سۇ چىقىپ تۇرغاچقا، ماسكىنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدىكەن، بىر قىسىم ماسكىلارنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولمايدۇ، ماسكا ئاستىدىكى تېرىنىڭ قىسمەن نەملىكى، تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ماينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

  مىكروپلارمۇ ئىللىق، نەم مۇھىتتا كۆپىيىدۇ، مىكروپلار تېرە يېغىنى پارچىلاپ، ئەركىن ياغ كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىش ئىنكاسى پەيدا قىلىپ، دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  بۇ دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى لياۋ مېڭيىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماسكا بىلەن قاپلانغان ئورۇن ئاساسلىقى مەڭز ۋە T رايون ئىكەن، شۇڭا مايلىق تېرە بىلەن ئارىلاشما مايلىق تېرىگە «دانىخورەك» تېخىمۇ ئاسان چىقىدىكەن، قۇرغاق تېرىگە نىسبەتەن ئاسان پەيدا بولمايدىكەن.

  دېمى سىقىلىپ دانىخورەك چىقىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇل بار!

  يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، ماسكىنى يەنە ھەر كۈنى تاقاش كېرەك، دېمى سىقىلىپ دانىخورەك چىقىشتىن ساقلىنىشنىڭ بىرەر ئامالى بارمۇ؟

  لياۋ مېڭيى تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەردى ——

  1. ئۆزىنىڭ خىزمەت خاراكتېرىگە ئاساسەن ماس كېلىدىغان ماسكىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى بولمىسا، ياكى ھەر خىل يۇقۇملانغان ئېغىر خەتەرلىك ئاغرىقلار بار بولغان دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانمىسىلا، N95 ماسكىسىنى تاقىمىسىمۇ بولىدۇ، يېنىكرەك، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى تاللاپ، قەرەللىك ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

  2. ماسكىنى ئالماشتۇرۇش ئارىلىقىدا ماي سۈمۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق يۈزدىكى ئارتۇق ماينى سۈرتۈشكە بولىدۇ. سۈپىتى يېنىكرەك بولغان نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش، ماسكا بىلەن قاپلانغان رايونغا ھىملىقى بەك كۈچلۈك بولغان مەلھەم، ئۇپا-ئەڭلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  3. مايلىق، شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويۇش، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش، كۆپرەك ئارام ئېلىش، كۆپرەك سۇ ئىچىش، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

  دانىخورەكنى ھەرگىز قولىڭىز بىلەن سىقماڭ

  لياۋ مېڭيى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دانىخورەكنى ھەرگىز قول بىلەن سىقماسلىق كېرەك. دانىخورەك، ئاز مىقداردىكى دۆڭچە ئەسۋە قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكرەك بولسا، مۇۋاپىق تازىلاش، سىرتقا ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى سالىتسىلىك كىسلاتا تۈرىدىكى دانىخورەك يوقىتىش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا ياكى ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىدىكى دانىخورەك(سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ياللۇغ خاراكتېرلىك دۆڭچە ئەسۋە، يىرىڭلىق قاپارتما، تۈگۈنچە، خالتىلىق ئىششىق قاتارلىقلار) بولسا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر قىسىم سەزگۈر تېرە ئاغرىقلىرىغا ماسكا ماتېرىيالى ياكى مىكرو مىقداردىكى گازلىق دېزىنفېكسىيە دورىسى قالدۇقىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى سەۋەبىدىن دانىخورەك پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئاغرىقلار تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشى كېرەك.


分享到: