ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

دۇنيا لوڭقىسى ياۋرۇپا رايونىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ

发表时间:2020-10-23 13:19


ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ 2022- يىللىق دۇنيا تەييارلىق مۇسابىقىسى ياۋروپا رايونىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمىنى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئورۇننىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ سيۇرىخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بايرىقى ئاستىدا 55 دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 13 نەپەر دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تەييارلىق مۇسابىقىسى باشلىنىپ بولغان.

يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن ئالاقىدار چەكلىمە تۈپەيلىدىن، بۇ قېتىمقى دۇنيا تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا رايونىدىكى چەك تارتىش مۇراسىمىغا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارمىقىدىكى ۋەكىللىرى نەق مەيداندا قاتناشمايدۇ، بەلكى توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دۇنيا تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا رايونىدا ئالدى بىلەن گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش گۇرۇپپىدا ئالتە كوماندا، قالغان بەش گۇرۇپپىدا بەش كوماندا بار.

كېلەر يىلى 3-ئايدىن 11-ئايغىچە، ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەربىر كوماندا باشقا كوماندىلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ساھىبخان ۋە مېھمان مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.

10 گۇرۇپپا بىۋاستە دۇنيا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ، 2-گۇرۇپپا قوشۇمچە مۇسابىقىگە كىرىدۇ. ھەر قايسى گورۇپپا 2-دىن باشقا، قوشۇمچە مۇسابىقە يەنە گورۇپ 1- ۋە 2-دىن باشقا 2020-21 پەسىللىك ياۋرۇپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان، ئەڭ ئاخىرىدا رەت تەرتىپى ئەڭ يۇقىرى بولغان كوماندىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ 12 كوماندا 3 تۈرلۈك دۇنيا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۇسۇلىغا بۆلۈنىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار بىر ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى 3 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقە سانىنى بەلگىلەيدۇ.


分享到: