新闻详情

چىن سۆيگۈ سىزنى ئەڭ ياخشى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ

发表时间:2020-10-23 14:39作者:alkuyi来源:qq.com

مۇھەببەت بىر خىل ئاجايىپ كەچۈرمىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر خىل ئېنېرگىيە.

«پىلانېتلار ئارا ساياھەت» (星际穿越) ناملىق كىنودا، كۇپېر (cooper) بەش ئۆلچەملىك بوشلۇققا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن تاسادىپىي ھالدا ئۆزىنىڭ بەش ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ ۋاقىت ئوقى ئارقىلىق قىزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى تۇرمۇشىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

تۆت، بەش، ئالتە ئۆلچەملىك بوشلۇق ۋاقىتنى ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىلىدۇ، بىر ۋاقىت ئوقى تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق بولىدۇ، بىر ۋاقىت نۇقتىسىدىن چىققان ئىككى ۋاقىت ئوقىدىن تەركىب تاپقان بىر ۋاقىت يۈزى ئۇ بەش ئۆلچەملىك بوشلۇق بولىدۇ.

ئىنسانلار ياشاۋاتقىنى ئۈچ ئۆلچەملىك ستېرېئولۇق دۇنيا بولۇپ، ئىلىم-پەن نەزەرىيەسىدە تۆت، بەش، ئالتە ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ماددا ياكى جانلىقلار بىلەن باغلىنىشلىق ھەم ئۆزئارا ئۆتۈشىدىغان نەرسە بولمايدۇ، بۇ فىلىمدە رېژىسسور فىلىم ۋەقەلىكى ئارقىلىق دادىللىق بىلەن بىر تەسەۋۋۇرنى، يەنى مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر خىل ئېنېرگىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى بوشلۇققا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

فىلىمدىكى كۇپېرمۇ دەل مۇھەببەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مورىس شىفىرى (Morse code، ئۇ ئۇلىنىپ، ئۈزۈلىدىغان سىگنال ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان تىزىش تەرتىپى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئىنگلىزچە ھەرپ، سان ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى ئىپادىلىگەن) ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى بوشلۇققا دائىر ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارنى يەر شارىدىكى قىزىغا يەتكۈزگەن، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى يەتكۈزۈش يولى دەل بىر ئاتىنىڭ قىزىغا بولغان مۇھەببىتى ئىدى.

مۇھەببەتنىڭ ئېنېرگىيەسى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ كېتىدۇ.

مۇھەببەت مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ كۈچلۈك ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى ھېس قىلدۇرىدۇ.


ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توي مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ باققان بولۇپ، يىگىت كېلىنچەككە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ، قاتناشقۇچىلار چاۋاك چېلىپ تەبرىكلەيدۇ، بۇ كۆرۈنۈش رومانتىك ھەم تەسىرلىك بولىدۇ.

مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچى ۋە ئېنېرگىيەسى.

ھەرقانداق ئىشقا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىش بىر خىل مۇكەممەل كىشىلىك تۇرمۇش ھالىتى. ھالبۇكى، تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇھەببەتسىز قالغان ياكى مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغان، ئەزەلدىن سۆيۈلۈپ باقمىغان كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتى سۆيۈلۈپ باققانلارنىڭكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

مۇھەببەت بىر ئەينەك، ئۇ بىر-بىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئادەم باشقا بىر ئادەم تەرىپىدىن چوڭقۇر سۆيۈلگەندە، ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە باھا بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى دېيىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ.

بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، قارشى تەرەپنىڭ يۈزىدىكى قورۇق، جاۋغىيىدىكى مەڭ، سەل سېمىز بەدىنىمۇ شۇنچىلىك گۈزەل ۋە نۇقسانسىز كۆرۈنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ كەمچىللىكلىرى كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ، ئەكسىچە كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقى چەكسىز چوڭايتىلىدۇ.

ئادەم مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا، بەدىنى دوپامىن قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. دوپامىن بىر خىل نېرۋا ئۆتكۈزگۈچى ماددا بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى خىمىيەلىك ماددىلارنى تارقىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئۇ چوڭ مېڭىدە پەيدا بولغان ئاجرالما ماددا بولۇپ، ئادەمنىڭ ھەۋىسى، ئىستىكى، ئارزۇسى، سېزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دوپامىن ئاساسلىقى ھاياجانلىنىش ۋە خۇشال بولۇش ئۇچۇرىنى ئادەم بەدىنىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ بەدەن ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى كۈچلۈك بولۇپ، تېرىنى سىلىقلاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئادەمنى روھلۇق، گۈزەل قىلىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ، ھەممە ئىشتا كەڭ قورساق، ئۈمىدۋار قىلىپ، مىجەز-خۇلقىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ئەكىسچە، مۇھەببەت كەچۈرمىشى بولمىغان ئادەمنىڭ چىرايى خۇنۈك بولۇپلا قالماستىن، مىجەزىمۇ ئىنتايىن چۇس بولىدۇ، چۈنكى، مۇھەببەت بىر خىل ئاكتىپ ئېنىرگىيە.

ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھەببەت ئىككى ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىندىسى ۋە باغلىنىشى، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى ئادەم ئەمەلىيەتتە بىر مۇناسىۋەت بىرىكمىسى بولۇپ، ئۆزئارا قارشى تەرەپنى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي بايلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە باغلايدۇ.

ئىككىيلەن ئارىلىشىش جەريانىدا، كىشىلەرنىڭ ئالاقە دائىرىسىمۇ بارغانچە كېڭىيىدۇ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى كىشىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدىن تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولغان ئۆزىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ.

مۇھەببەت كەمچىل كىشىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىمۇ سۇس بولىدۇ، بەلكىم بۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋەت تورى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كىشىلىك مۇناسىۋەتتە يېڭى تەسىر قىلىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسى بولمايدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتكە قىزىقمايدىغان سوغوق بىر كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئادەتتىكى سوغۇق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتالمايدۇ، بۇ خۇددى قەپەسكە قاپسىلىپ قالغانغا ئوخشايدۇ. قەپەسكە قاپسىلىپ قالغاندىكى تۇيغۇ ناھايىتى بىمەنە بولۇپ ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ھەر بىر ئادەم بۇ خىل تۇيغۇدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئويلايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئادەم بولۇپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىجەزى چۇسلۇق كۆپ ھاللاردا يېتەرلىك سۆيۈشكە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن بولىدۇ.

گەرچە بۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق بەزى سەۋەبلىرى بولسىمۇ، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئاكتىپ ئېنېرگىيەنىڭ داۋاملىق مەنىۋىيتىمىزگە ئېقىپ كىرىشى كەمچىل بولسا، بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ. زېرىكىش ئادەمنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى، سەزگۈرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ئوخشىمغان جىنىسلار ئوتتۇرسىدىكى قىزىقىش ياكى ھەۋەس ئەمەس بەلكى ھەققىي چىن سۆيگۈ. شۇڭا چىن سۆيگۈگە ئېرىشكىنىڭىزدە ئۇنى قەدىرلەڭ، ھايات چەكلىك، ئەمما مۇھەببەت چەكسىز بولىدۇ. گەرچە مۇھەببەتنىڭ دەرىجىسى بولمىسىمۇ، لېكىن مۇھەببەت مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن نۇرلاندۇرىشىڭىزنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.


分享到: