新闻详情

ما يىلى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاياللارغا «ئۆرنەك» بولدى

发表时间:2020-10-23 14:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

يېقىندا، داڭلىق چولپان ما يىلى زىيارەت قوبۇل قىلىپ تۇنجى قېتىم تويىدىن ئاجراشقاندىن كېيىنكى ھالىتىنى تىلغا ئالدى، ئۇ ئاجراشقاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە بىر خىل ئىچكى كۈچ ئۆزىنى يېڭى تۇرمۇشقا باشلاپ كىرىدۇ دەپ قارىغان. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىغان، ئۇ ھەر كۈنى ناھايىتى ماغدۇرسىز يۈرگەن، ھېچنېمىگە قىزىقماس بولۇپ قالغان، ھەتتا ئۆزىنى سۆرەلمىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇممىكىن دەپ گۇمانلانغان. كېيىن يىڭنە سانجىش، ھەرىكەت قىلىش، پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى تەڭشەپ، تېزدىن ئەسلىگە قايتىپ كەلگەن.

كۆپلىگەن تورداشلار بۇ زىيارەت مەزمۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ما يىلىنىڭ ئاجراشقاندىن كېيىنكى ھالىتىگە ئىچ ئاغرىتقان ھەمدە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ما يىلىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا ھەممەيلەن قۇلاق سېلىشتى. ئەينى يىلى، ما يىلى كەسىپتە شانلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، دەل شۇ چاغدا ۋېن جاڭ بىلەن توي قىلىشنى تاللىغان، ھەر ئىككىلىسى ئەمەلىي كۈچى زور ئارتىس ھەم بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەمكارلاشقان، ئۇلار ئەينى چاغدا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئاياللاردىن ئىدى. نەتىجىدە بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا، ۋېن جاڭنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلىنىپ، تورداشلار بەس-بەستە مۇھەببەتكە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ۋېن جاڭنى ناھايىتى سۆيىدىغان ما يىلى مىكرو بلوگىدا «تۇرمۇش ئاسان ئەمەس، مۇمكىن بولسا قەدىرلەڭ» دېگەن سۆزنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ۋېن جاڭنى ئەپۇ قىلىشنى تاللىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ما يىلى يەنە ئاجرىشىشنى تاللىدى ھەم مىكرو بىلوگدا يەنە بىر قېتىم ماقالە ئېلان قىلىپ ئۆز تۇرمۇشى بىلەن خوشلاشتى. گەرچە ئۇ شۇنچە يىل ئۆزىنى تەڭشىگەن بولسىمۇ، بەلكىم كۆڭلىدىكى ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەي، ئۆزىنى ئالداشقا ئامالسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن.

شۇ چاغدىكى ما يىلى بەلكىم بۇ قېتىم ئاخىرى ئۆزىنى قويۇۋېتىشنى ۋە يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ ھەقىقىي تۈردە ئاجراشقاندىن كېيىن، مۇھەببەتنىڭ يوقالغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا ئىزنالىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ئاشۇ بەختلىك ئىشلار ئاللىقاچان تۈگىگەن بولسىمۇ، لېكىن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازابتىن جاراھەت ئىزى قېلىپ، ئادەمنى ئۈزۈل-كېسىل ئويغىنىشقا ئامالسىز قالدۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا، ئۇ بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

تۇرمۇشقا قارىتىلغان بىر گەپ بار، ئۇ بولسىمۇ «ياخشى تۇرمۇش كىشىنى پارلاق قىلىدۇ، يامان تۇرمۇش كىشىنى چىرىتىدۇ»، ياخشى تۇرمۇش بىر ئادەمنى بارغانسېرى ياخشى قىلىدۇ، يامان تۇرمۇش ئەسلىدە مۇنەۋۋەر بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ. شۇڭا، بىر ئايال كىشى ياخشى بولمىغان تۇرمۇشقا يولۇققاندا، چوقۇم زىياننى ۋاقتىدا توختىتىشنى بىلىشى كېرەك.

بالىلارغا بولغان تەربىيە جەھەتتە، كىشىلەر رىغبەتلەندۈرۈش شەكلىدىكى مائارىپنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى رىغبەتلەندۈرۈش شەكلىدىكى تەربىيە بالىلارنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيلەيدۇ. ھالبۇكى، زەربە بېرىش شەكلىدىكى تەربىيە ئاسانلا بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئىرادىسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ گەپ ئوخشاشلا تۇرمۇشقا ماس كېلىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى تۇرمۇشتا ئۆزىگە زەربە بېرىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىرىگە يولۇقۇپ قالسا، ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئىنكار قىلىدۇ ھەمدە توختىماي قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئاخىرىغا كەلگەندە ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە كۈلكىگە قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى بەلكىم مەلۇم خىلدىكى كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەسلىكى، بەلكىم سىزنى ئۇنچە ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، خالاس.

يېڭىدىن توي قىلغان دوستلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، تۇرمۇشى بىر قەدەر بەختلىك بولغان دوستلارنىڭ چىرايى ھامان يورۇق، ئوچۇق بولىدۇ. تۇرمۇشى ئۇنداق ياخشى ئەمەس دوستلارنىڭ كەيپىياتى بىر قەدەر چۈشكۈن ۋە تەشۋىشلىك قاپلاپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي نۇرغۇن مەسىلە ۋە ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر خىل قوللاشقا ئېرىشمەكچى ۋە باشقىلارغا بۇ تۇرمۇش مەسىلىسىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكچى.

تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈش كەم بولسا، ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىغا ئۇچرىسا، ئاياللاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ئازاب پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ھېسسىياتقا بېرىلىپ، ئەپۇ قىلىشنى تاللىسا ياكى داۋاملىق تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ھەر كۈنى ناھايىتى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ئۇنى ئۆزىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلدىمۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ياخشى بولمىسا، يەنىلا شۇ ئادەم ئازابلىنىدۇ. قارشى تەرەپنى ئەپۇ قىلغان تۇرسىڭىز، ئۇ نېمىشقا تېخىچە قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كەيپىيات جەھەتتە مەسىلە پەيدا قىلىپ، خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاجراشماسلىقنى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن ئائىلىدە چوڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ، بالىلىرىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا جۆرىسىز ئائىلىنىڭ بالىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بىر ئۆمۈر تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەمما، بەزىدە ناچار تۇرمۇش بالىلارنى تېخىمۇ ئاسان ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

مەسىلەن يېنىمىزدا مۇشۇنداق بىر ئادەملەر بار، كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن چىقىشالماي، ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ، ئەمما يەنىلا بۇ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. بىراق، ئىككى ئاتا-ئانىنىڭ ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ ھەم دائىم بالىنىڭ ئالدىدا تاكاللىشىپ قالىدۇ، ھەتتا ئەسەبىيلەرچە بالىغا: «بىزنىڭ ئاجراشماسلىقىمىز سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بولغان، سەن نېمىشقا ئىش ئۇقمايسەن؟»، دەپ ۋارقىرايدۇ!

بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشقا نىسبەتەن قاتتىق ۋەھىمە پەيدا بولىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئاخىرىدا بالا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەزەلدىن ئۇلارنى مەن ئۈچۈن ئاجراشماڭلار دېمىدىم، لېكىن ئۇلار ھەمىشە بۇنى ماڭا قىلىنغان ئىلتىپات دەپ قارايدۇ».

نېمە ئۈچۈن ھەممىمىز «مۇھەببەت» كە مۇھتاج بولىمىز؟ چۈنكى بىز «مۇھەببەت» تە يۆلەنچۈككە ۋە بەختكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز باشقىلارنىڭ كۆيۈنۈشىنى، ھەمراھ بولۇشىنى، ئامراق بولۇشىنى، ئىللىق بولۇشىنى، بەختلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىراق، ئەگەر بۇ «مۇھەببەت» نىڭ سۈپىتى ئۆزگەرسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بەخت بولماستىن، بەلكى چەكسىز ئازاب بولىدۇ.

بەلكىم ئالدىنقى مەزگىلدە، بىز يەنە بۇرۇنقى بەختىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى بەزلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا، بىز بارلىق مېھىر -مۇھەببىتىمىزنى ئازراقمۇ ئاشۇرۇپ قويمايمىز. ئۇ چاغلاردا، مەيلى بۇ تۇرمۇشقا، بالىلىرىمىزغا ياكى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن بولسۇن، ھەممىسى بىر مەيدان غايەت زور ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، ئەگەر سىز بىر قېتىملىق يامان تۇرمۇشتا بولسىڭىز ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ھېچقانداق مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بالدۇرراق زىياننى توختىتىڭ، بىر مەيدان تۆۋەن سۈپەتلىك تۇرمۇشنىڭ ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىشىغا يول قويماڭ.


分享到: