新闻详情

كرىستىيانو رونالدو يېڭىچە سالاپەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى

发表时间:2020-10-23 14:43作者:爱酷艺来源:直播8

يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان كرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئەڭ يېڭى سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى. سۈرەتتىكى كرىستىيانو رونالدو قىرقىم چاچ ھالىتىدە سالاپىتى ۋە كېلىشكەن قىياپىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، تاماق ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرغان ھەمدە: «پەيشەنبە كۈنلۈك ئوبراز»، دېگەن.

كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزدى، ئەمما دۆلەت كوماندىسىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەريانىدا يۇقۇملانغانلىقى جەزملىشىپ، نۆۋەتتە تۇرىندىكى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرماقتا، بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگىمۇ قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.


分享到: