新闻详情

ئۆزى يالغۇز بىر شىركەتنى «يۆلەپ» كەلگەن چولپانلار

发表时间:2020-10-23 15:54作者:alkuyi来源:qq.com

چولپانلار ئەزەلدىن چىراغ تۈۋىدە، ئېگىز پەشتاقلاردا تۇرۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ. گەرچە داڭلىق شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشى كۆزنى قاماشتۇرسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم، چولپانلار كەسىپنىڭ ئۆز تەرىقىسىدە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ۋاستىچىلىك شىركەتلىرى بىلەن توختام تۈزىدۇ. بۈگۈن بىز ئۆزى يالغۇز بىر شىركەتنى «يۆلەپ» كەلگەن چولپانلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز!

1. دېڭ زىچى

ئۇ «مەن ناخشىچى» (歌手) پىروگراممىسى ئارقىلىق ئىچكىرىدە نام چىقارغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇڭگو شياڭگاڭدا «گىگانت ئۆپكە» دەپ نامغا ئېرىشكەن. «ھەرە قۇش مۇزىكىسى» (蜂鸟音乐) ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن نۇرغۇن بايلىقلارنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ھەمدە كېيىن دېڭ زىچى قارشى تەرەپ بىلەن دەۋالىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

2. ياڭ چاۋيۆ

ئۇ «101 ئىجادىيەت» (创造101) پىروگراممىسىدا نام چىقارغاندىن كېيىن، سودا ئېلانلىرى ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا بارغانسېرى كۆپ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى شىركىتىمۇ شۇنىڭدىن پايدا ئالغان، گەرچە ئۇ قىزلار ئەترىتىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن سەنئەتكار ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ ۋاستىچىلىك شىركىتى بىلەن بولغان توختامى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ، «ۋېنلەن مەدەنىيەت شىركىتى» ئاساسەن ياڭ چاۋيۆگە قاراشلىق ئىدى.

3. ۋاڭ لىنكەي

مېنىڭچە بۇ كېلىشكەن ياش چولپاننى ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تونۇشى مۇمكىن. ئۇ بۇلتۇر «پراكتىكانت چولپان» (偶像练习生) ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىغا قاتنىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمدە ھازىر ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر ناخشىچىغا ئايلاندى، ئۇ «果然天空» ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ شىركەتتىكى نامى ئەڭ داڭلىق چولپان ھېسابلىنىدۇ.

4.لى يۈچۇن

لى يۈچۇن تونۇلغاندىن كېيىن «تيەنيۈ شىركىتى»دىن ئايرىلىشنى تاللىغان، ئەمەلىيەت لى يۈچۇننىڭ بۇ تاللىشىنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھازىرتيەنيۈ شىركىتىدە بىرمۇ قارشى ئېلىنىدىغان چولپان يوق، لېكىن لى يۈچۇن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنى قۇرۈپ چىقتى ھەمدە ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق بولۇۋاتىدۇ.


分享到: