新闻详情

خان مادىرىدنىڭ سابىق رەئىسى: كولۇب رونالدونى سېتىۋەتكەنلىكىنىڭ جازاسىنى تارتماقتا

发表时间:2020-10-23 15:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: سابىق خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىسى كالدېرون Nacex Challenge پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خانلىق مادرىدنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: « خانلىق مادرىد كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەكتە» دېدى.


كالدىرون زىيارەتتە مۇنداق دېدى: « كىرىستىيانو رونالدونى ساتقاندىن كېيىن، كوماندا مۇشۇ ئورۇندا تۇرۇپ ياردەم بېرەلەيدىغان بىرى بولىشى كېرەك. لېكىن ئېچىنىشلىق رېئاللىق شۇكى، بۇ ئورۇن قۇرۇق بولۇپلا قالماي، كوماندا يەنە بىر مىليارد ياۋرو ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چىقىمغا دۇچ كەلدى.

   خانلىق مادرىد بۇ يىل يازدىكى بىردىنبىر ياردەمچى قوشۇن كىرگۈزمىگەن چوڭ توپ مۇسابىقىسى، بۇنىڭغا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. دونېچىك كان ئىشچىلىرى ۋە گاردىستا يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن ئىنتايىن ناچار تۇيغۇنى قالدۇردى، لېكىن بىز چوقۇم ئۈمىدۋار بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ توپ كوماندىسى مۇشۇنداق ناچار پەيتنى باشتىن كەچۈرگەن ھەمدە بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنىدى.


دونتسىك كان ئىشچىلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقە ياخشى ئەمەس، لېكىن ھېچقانداق ئالاھىدە ئادەم ئەيىبلەنمەسلىكى كېرەك، بۇ بىر قاتار ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەرگەن. كىرىستىيانو رونالدو سېتىلغاندىن كېيىن، ھېچكىم مۇقىم توپ كىرگۈزەلمىدى.


كالدىرون يەنە رائۇلنىڭ زىدانىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى سۆز ـ چۆچەكلەرنى تىلغا ئېلىپ: توپچى، تىرېنېر ۋە شەخسكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىم ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تىرېنېرنى ئىشتىن بوشىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. زىدانى خاتالىق ئۆتكۈزسە بولىدۇ، ھەممە ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئۇزغۇنلۇق ئۇدا ئۈچ قېتىم چىمپىيون بولغان تېرنىرنى قولغا كەلتۈردى.

كاردېلون يەنە فلورېنتىنونىڭ كوماندىنى كونترول قىلىش ئۈستىدە توختىلىپ: « ئۇ كۇلۇب نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، ئۇنىڭ پارلامېنت تەشكىللەش ھوقۇقى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بىر قاتار كونترول قىلىش ھوقۇقى بار، كۇلۇبنى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان باشقۇرۇشقا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ» دېدى.

ئەمما، كالدىرون باتومېئۇ ۋە بارساغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: « مېنىڭچە، بىر كۇلۇب رەئىسىگە ناچار نەتىجە ياكى مەلۇم ئالاھىدە ۋاقىت بىلەن باھا بېرىش ئادىل ئەمەستەك قىلىدۇ، مېنىڭچە ئۇنىڭ پۈتكۈل جەريانىنىڭ قىممىتى بىلەن باھا بېرىش زۆرۈر. باتومېئونىڭ كۇلۇب رەئىسى بولغىنىغا يەتتە يىل بولدى، ئۇ چېمپىيونلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ياكى 13 چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ماڭا نىسبەتەن بۇ ئادىل ئەمەس، بولۇپمۇ مېنىڭ ئوخشاش كەچۈرمىشىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قىيىن خىزمەت.


分享到: