新闻详情

ئاقسۇدىكى لاتارىيەچى تەلەي نومۇرىغا تايىنىپ 52مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-23 16:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى لۇڭ ئەپەندى تەلەيلىك سەيمىن، ئۇ 3D ئويۇنلىرىنىڭ 2020226 ـ مەزگىلىدە كۆرگەن نومۇرى 830 نى دادىللىق بىلەن 50 ھەسسە تاللاپ دو تىكىپ، 52 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

   ئامەت كەلسە ھېچكىم توسىيالمايدۇ دېگەن گەپ بار. لوڭ ئەپەندى 65290116 تىزىملىتىش پونكىتىدىكى پىشقەدەم سەيمىن، 3D ئويۇنىغا بەك ئامراق، ئۇنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئالاھىدە، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا« قايسى نومۇرنى تۇتسا شۇ نومۇرنى تاللاش» .

لۇڭ ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن، ئۇ يۆنىلىش خەرىتىسى، تەتقىقات نومۇرىنى كۆزىتىشكە ناھايىتى ئاز ۋاقىت چىقىراتتى، ھەر كۈنى دو تىكىدىغان نومۇر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، تېلېفون نومۇرى، ئاپتوموبىل تاختىسى قاتارلىق رەقەملەر ئىچىدىن تۇيغۇسى بار گۇرۇپپىلارنى تاللىغاندىن كېيىن دو تىكىلەتتى، بەزىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان نومۇرلارمۇ ھەسسىلەپ دو تىكىلەتتى.

ـــ گەرچە بۇ ئۇسۇل سەل« دۆترەك » بولسىمۇ، لېكىن ماڭا بەك ماس كېلىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئۆزى خەير-ساخاۋەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئويۇن، مېنىڭچە تەلەي لاتارىيە سېتىۋېلىشتا ھەل قىلغۇچ ئامىلنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ھېسياتقا ئەگىشىپ ماڭسىمۇ ياخشى بولىدۇ. » دېدى.

10- ئاينىڭ 5- كۈنى لۇڭ ئەپەندى بىر قەدىناس دوستىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، تېلېفوندا سۆزلەشسىلا نەچچە ئون مىنۇت بولاتتى، كەيپىياتى ياخشى لۇڭ ئەپەندى شۇ كۈنى 3D ئويۇنىغا دو تىككەندە، دوستىنىڭ يان تېلېفونىدىكى« 30» نى ئاساس قىلىپ، ئالدىغا يەنە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان« 8» دېگەن رەقەمنى قوشۇپ، نومۇر« 830» نى تەشكىل قىلىپ، 50 ھەسسە يەككە تاللاپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى 2020226-قارارلىق مۇكاپات باشلاش نومۇرى دەل« 830» بولۇپ، لۇڭ ئەپەندى 52 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن« سوغۇققان» بولغان لۇڭ ئەپەندى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات پۇلى ئالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىنى تىلغا ئالغاندا: « مېنىڭچە نومۇرنى توغرا كۆرگەندىكىن، قول سېلىشى تېز بولىدۇ! ياخشى تەلەيگە ياخشى جاسارەت قوشۇلسا، بۇنداق بولغاندا چوڭ مۇكاپات قېچىپ كەتمەيدۇ! » دېدى.




分享到: