新闻详情

« ئالاھىدە كۈچ» قائىسى لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-23 16:39作者:ئەلكۈيى تورى来源:پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى

يېقىندىن بۇيان لاتارىيە بازىرىدىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك بېلەتنىڭ تۈرى، « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ»

پاراۋانلىق لاتارىيەسى« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» تەرەپدارلىرى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سەيمىن دوستلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قاتنىشىشىغا ئېرىشتى، سەيمىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر تىزىملاش پونكىتىدىن ئۈزلۈكسىز تارقالدى.

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىگە جايلاشقان 65290108 مەبلەغ سېلىش پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر لاتارىيەچى دوست يېڭىلىقنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، بىر نەچچە پارچە« ئالاھىدە كۈچ» لاتارىيەسى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن 10 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى. پائالىيەت قائىدىسى بويىچە، بۇ لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ، يەنى بۇ لاتارىيەچى جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ.

10ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، سەيمىن جاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش، كەچلىك تاماق يەپلا دائىم بارىدىغان 65290108 كىرىش پونكىتىغا باردى، جاڭ ئەپەندى ئەزەلدىن قىرىش ـ قىرقىش ئويۇنى ئويناپ باقمىغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، سىناپ بېقىشقا تەييارلىق قىلدى. دەسلەپتە ئۇ« ئالاھىدە كۈچ» تىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، 20 يۈەن مۇكاپات پۇلى ئالدى، جاڭ ئەپەندى بۇنىڭدىن پۇخادىن چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە قىممىتى 50 يۈەنلىك« ئالاھىدە كۈچ» تىن ئىككىنى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ مۇكاپات بۇ ئىككى لاتارىيە بېلىتىگە يوشۇرۇپ قويۇلدى، 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئۇ ئېلىپ چىقتى.

مۇكاپات تارقىتىش قائىدىسىگە ئاساسەن، پائالىيەت مەزگىلىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا« ئالاھىدە كۈچ» بېرىلگەن، تاق لاتارىيەدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات ئالغان (10 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، مۇكاپات سوممىسىغا باراۋەر مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، جاڭ ئەپەندى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىرىپ، 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن« ئىككى ھەسسە خۇشاللىق» ھېسابلىنىدۇ.

   ھەر قېتىم مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى بولغاندا، لاتارىيە سېتىۋېلىشقا كەلگەن لاتارىيەچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، لاتارىيە سېتىۋېلىش قېتىم سانىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .

مەبلەغ سېلىش پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇ پائالىيەت ئېلانىنى پونكىتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چاپلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ سالمىقى ئىنتايىن زور ئىكەن، كۆڭۈل ئېچىشقا ئامراق نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلار پائال قاتنىشىپتۇ، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم لاتارىيە بازىرىغا كىرگەن نۇرغۇن يېڭى لاتارىيەچىلەرنى جەلپ قىپتۇ.


分享到: