新闻详情

ئالما« تىتان» يېڭى پاتېنتىنى ئاشكارىلىدى: ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە ياردەم بېرىدۇ

发表时间:2020-10-23 17:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتىياۋ تورى

ئالما« تىتان» يېڭى پاتېنتىنىئاشكارىلىدى: ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە ياردەم بېرىدۇ

توۋتىياۋ تورى خەۋېرى،ئەلكۈيى تورى 23-ئۆكتەبىر تەرجىمىسى :چەتئەل رەقەملىك ئۇچۇر تور بېكىتى« Patently Apple»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئالما شىركىتى قارمىقىدىكى« تىتان» ناملىقبىر تۈر يېقىندا ئامېرىكا پاتېنت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى (U.S.Patent andTrademark Office) غا بىر پارچە پاتېنت ئىلتىماسى سۇنغان، ئۇنىڭمەزمۇنى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنى ئالماشتۇرغاندا بىخەتەر ھەل قىلىش لايىھەسىبىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

ئالما« تايتان» تۈرىنىڭمەسئۇلى بىر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېدى: بۇ پاتېنتتا شوپۇرسىز ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغانبىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈش ئەسۋابى، سىنغا ئېلىش بىرىنچى دەرىجىلىك تەدبىر بەلگىلەش تۈرىدىكىبىرىكمە زاپچاسلاردىن پايدىلىنىپ نۆۋەتتىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىگە ھۆكۈمقىلىنىدۇ ھەم يەنە بىر گۇرۇپپا ئاپتوموبىلنىڭ ئەمەلىي يۈرۈش ئوربىتىسىنى كونترول قىلىدىغانبىرىكمە زاپچاسلار ئۆزئارا ماسلىشىپ خىزمەت قىلىپ، شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى ئومۇميۈزلۈككونترول قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

بۇ مەسئۇل خادىم يەنەمۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يۈرۈشلۈك زاپچاستىن پايدىلانغاندا، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ھاۋادىنامىكىسىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە، يەنە شوپۇرلارنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىگەئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكىشەھەر ئاممىۋى يوللىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈش ۋە نورمال ئاپتوموبىل يولىنى ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنىقاندۇرالايدۇ.

5.jpg


پاتېنت ھۆججىتىدىكى تېخنىكىلىقبايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئاپتوموبىل بېشى ئاپتوموبىلنىڭيۈرۈش سۈرئىتى ۋە ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ، بۇ ئارقىلىقئىككى ئاپتوموبىلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈرگەندىكى يول ئۆزگەرتىشكە كېتىدىغان ۋاقىتنى ھېسابلاپچىقالايدۇ. قىسقىسى، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، يول ئۆزگەرتىش ئارىلىقىشۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل بېشى ئارىلىقى مۇكەممەل فورمۇلا ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىئارقىلىق توغرا ھېسابلانسا، ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ئالما شىركىتى ئىزچىلھالدا ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى ساھەسىدە تۆھپە يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2016 ـيىلىدىن بۇيان، ئالما شىركىتى بىر قاتار ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىقتور ئالاقىسى جەھەتتىكى ئالاقىدار پاتېنتلارنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىنكېيىن، ئالما شىركىتى« تىتان» تۈرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالما مەھسۇلاتلىرىلايىھەلەش مۇئاۋىن لىدىرى Steve Zadeskyمەسئۇل بولغان.بۇنىڭدىن ئىلگىرى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالما« تايتان» تۈرى«نەچچە يۈز خىزمەتچى» نى قوبۇل قىلغان، ھازىر« ئالما ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىلنى مەخپىيتەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان» بولۇپ، تېسلاغا« قارشى تەرەپتىن بىر زەربە» بېرىدىكەن، ئۇنىڭئەڭ دەسلەپكى ئاپتوموبىل سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى« قارىماققا كىچىك تىپتىكى ساندۇقسىمانيۈك ئاپتوموبىلىغا تېخىمۇ ئوخشايدىكەن» .


分享到: