新闻详情

ھەممە كەنتكە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى

发表时间:2020-10-23 17:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە جەمئىي 65 مىليارد 880 مىليون يۈەن سېلىنما تاماملىنىپ، 68 مىڭ 177 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىپ، ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، شارائىت ھازىرلىغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم يېزا تاشيولى تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، يېزا تاشيولىنى زور كۈچ بىلەن ياسىدى. يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 120 مىڭ 200 كىلومېتىر (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىن كۆپىيىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 133 مىڭ 100 كىلومېتىر (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يەتتى.

كۈنسېرى راۋانلىشىۋاتقان يېزا تاشيولى ئىلگىرىكى «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلىرى پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان» مۈشكۈل ئەھۋالنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. «ھازىر ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىمىزغىچە ياتقۇزۇلدى، يول يۈرۈشىمىز قولايلاشتى، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ ئېيىغا 6000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم» دېدى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرى بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەختىيار غوپۇر مۇخبىرغا.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساشنى پىلانلىغانىدى، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «سىرتقا تۇتاشقان، ئىچكى قىسىمنى تۇتاشتۇرغان، يېزا - كەنت يوللىرى راۋانلاشقان، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار كەنتلەرگىچە بارىدىغان، بىخەتەر، قولاي بولغان» يېزا تاشيول تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىدۇ.


分享到: