新闻详情

شىنجاڭ كۇچا — ئاقسۇ — مارالبېشىII قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى جىددى

发表时间:2020-10-23 19:09作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

شىنجاڭ كۇچا ئاقسۇ مارالبېشىII قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش لىنىيەسى ئاقسۇ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ(10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ كۇچا ئاقسۇ مارالبېشىII قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل 11-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان. ھازىر، لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ كۇچادىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكىدە قۇرۇلۇش پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، ئاقسۇدىن مارالبېشىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىدا، مۇنار تىكلەش، سىم تارتىش قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇش تەرتىپى جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 483.4 كىلومېتىر بولۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك، ئېگىز تاغ قاتارلىق مۇرەككەپ يەر شەكلىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئېنېرگىيە قىس بولۇش ھالىتىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى سىستېمىسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇقىملىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ(خۇ خۇخۇ فوتوسى).

شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى رەن گۇاڭچياڭ يەر يۈزىدە قوماندانلىق قىلىپ، يۇقىرى بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقان خىزمەتدېشىغا ياردەملەشمەكتە(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، ئىشچىلار تۆمۈر مۇنار، توك سىمى ئۈستىدە يۇقىرى بوشلۇق مەشغۇلاتى قىلماقتا(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا مەشغۇلات قىلماقتا(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
ئىشچىلار قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يۇقىرى بوشلۇق مەشغۇلاتى قىلماقتا(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى(ئالدىدا) يۇقىرى بوشلۇق مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان خىزمەتدېشىغا زاپچاسلارنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە(10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).


分享到: