新闻详情

شىنجاڭدا بۇ «ئىككى خىل كېسەل»گە گىرىپتار بولغانلار دىققەت

发表时间:2020-10-23 19:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى خىل كېسەل» دېيىلىدۇ) بىمارلىرىدىن تىزىملاتقانلار 629 مىڭ 900 ئادەمگە، داۋالانغانلار بەش مىليون 234 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم) گە يەتتى. داۋالاش خىراجىتى 489 مىليون يۈەنگە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئاجرىتىلغان چىقىم 281 مىليون يۈەنگە، ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلىتىلگەن دورىنىڭ ئوتتۇرىچە ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى %57.9 كە يېتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدىكى «ئىككى خىل كېسەل» بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يۈكى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلدى.

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئىككى خىل كېسەل» بىمارلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش، بىمارلارنى تىزىملاش، دورا بىلەن تەمىنلەش، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتى، سىياسەت تەشۋىقاتى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «ئىككى خىل كېسەل» بىمارلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2019-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى مالىيە نازارىتى، دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلىگە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %50 تىن ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرغان ئىدى. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى داۋالاش خىراجىتى بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان 14 رايوننىڭ ھەممىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلىگە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، چىقىم ئۆلچىمى ۋە چىقىم قىلىش چېكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان 14 رايوننىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقا-ئارقىدىن سىناق قىلىندى ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ «ئىككى خىل كېسەل» بىمارلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە «ئىككى خىل كېسەل» بىمارلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە دورا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە «ئىككى خىل كېسەل» بىمارلىرىنىڭ تىزىملىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە، شەھەر، يېزا-بازار، كەنت-ئەترەتلەرنى تەشكىللەپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدىكى يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.



2019-يىلىدىن بۇيان كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدە دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇلۇپ، «ئىككى خىل كېسەل» ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنى داۋالاش كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەي قالغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاندى. ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى تەستىقلانغاندىن كېيىن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كاپالەت دائىرىسىگە، «ئىككى خىل كېسەل» بويىچە تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى «ئىككى خىل كېسەل» كاپالەت دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈلۈپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بويىچە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلىندى.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاساسىي قاتلامدىكى دورا سەپلەش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ سەھىيە تارماقلىرى كەنت شىپاخانىلىرىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى سەپلەش يېتەكچى تىزىملىكىنى تۈزۈپ، دورا تۈرى 80 خىلدىن تۆۋەن بولماسلىقنى بېكىتتى ھەمدە بېنزىن سۇلفونات ئاملودىپىن تابلېتكىسى، سىنۋاتاتىن تابلېتكىسى، نىتروگلىتسېرىن تابلېتكىسى، دىمېتىل دىگۇئانىد قاتارلىق يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلىگە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى تەمىنلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەنتتىن چىقمايمۇ دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلدى.


پەخىرگۈل مەمەت قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى يۇقىرىقى پاختەكلى كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانىدى. پەخىرگۈل بۇ سىياسەتتىن مەنپەئەتلەنگەندىن كېيىن، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئۆسۈپلا قالماي، دورا ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ يۈرمەيدىغان بولدى، نۇرغۇن ۋاقتى تېجەپ قېلىندى.

پەخىرگۈل مەمەت


مەن ھازىر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنى تىزىملىتىشقا ۋە داۋالىنىش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلدىم، كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىشتا نۇرغۇن پۇلۇم تېجىلىدىغان بولدى.



داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى يەنە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش سىستېما بەرپا قىلىپ، مۇندەرىجە تۇرغۇزدى. ئاساسىي قاتلام داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارمىقى، داۋالاش ئاپپاراتىدىكى بېجىرگۈچى خادىملار، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىنى سىستېمىدا مەشغۇلات قىلىش بويىچە تەربىيەلەپ، ناھىيە، يېزا خىزمەتچىلىرىنىڭ مەشغۇلات كەسپىگە پىششىق بولۇشىغا، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى بارلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ «ئىككى خىل كېسەل» خىراجىتىنى راسچوت قىلىشنى نورمال قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.



分享到: