新闻详情

كېيىنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە زىدانى ۋە خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

发表时间:2020-10-23 19:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


ئالدىنقى مەيدان يېڭى پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 3:2 نەتىجىدە دونېتسىك كان ئىشچىلىرىغا مەغلۇپ بولدى، ئالدىنقى مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بولسا ساھىبخان مەيداندا 1:0 نەتىجىدە يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا كادىزغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، خانلىق مادرىدنىڭ يېقىنقى مۇسابىقىلەردە ئۇدا مەغلۇپ بولىشى ترېنېر زىدانىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا نۇرغۇن گۇمانلارنى قوزغىدى. يېقىندا فىرانسىيە تاراتقۇلىرى زىدانى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار خانلىق مادرىدنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى، يەنى بارسېلونا بىلەن بولغان «دۆلەت دېربىيسى» ۋە مۆنشىنگلادباخ بىلەن بولغان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچى 2-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ باش ترېنېر زىدانى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خانلىق مادرىد كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ قاچانغىچە تاقەت قىلالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس (كوماندىنىڭ يېقىنقى ناچار نەتىجىلىرىگە قارىتا)، بۇ نۇقتىنى زىدانى ئوبدان چۈشىنىدۇ، ئەگەر ئەھۋال ھەقىقەتەن ئوڭشالمىسا، رەئىس فىلورېنتىنو كەسكىنلىك بىلەن زىدانىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ، يەنى ئەينى ۋاقىتتا زىدانىنى تەكلىپ قىلغان ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىدىن بىراقلا ۋاز كېچىدۇ. ھازىرقى مۇھىم نۇقتا ناھايىتى ئېنىق، يەنى كەلگۈسىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە.

ئەمەلىيەتتە زىدانى باشچىلىقىدىكى خانلىق مادرىد ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ باققان، يەنى ئالدىنقى يىلىدا، ئەينى چاغدا خانلىق مادرىد چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 3:0 نەتىجىدە پارىژ سانت گېرمانغا ئۇتتۇرغان، 2:2 نەتىجىدە بىرۇگېس بىلەن تەڭلەشكەن، دەل بۇ ۋاقىتتا خانلىق مادرىد كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمى مۇھىم بىر قېتىملىق يىغىن ئېچىش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى ئەھۋال توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان، ئارقىدىنلا خانلىق مادرىد گالاتاساراينى مەغلۇپ قىلىپ پاسسىپ ئەھۋالدىن قۇتۇلغان، شۇنداقلا مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. شۇڭلاشقا زىدانىنىڭ بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى مول دېيىشكە بولىدۇ.

ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە دونېتسىك كان ئىشچىلىرىغا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ماركا گېزىتى» رەئىس فىلورېنتىنونىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە پەقەت ئۈچ مىنۇت تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت توپچىلار ۋە ترېنېر بىلەن ھەر قانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئازلىق قىلىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەھۋال تېخى ئانچە ئېغىرلاشمىغان (كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ترېنېر ۋە توپچىلارنى تەنقىدلەش ياكى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە ئۇرۇنۇشتەك دەرىجىدە ئېغىر ئەمەس). مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىدانى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا چىرايى ئىنتايىن سۇلغۇن بولۇپ، كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.

گەرچە بۇ توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىز كوماندىنىڭ مۇخبېرلىرىغا ھازىرقى ئەھۋال توغرىسىدا كۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم كۇلۇب رەھبەرلىرى ھەقىقەتەن زىدانىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان، ئۇلار كوماندىنى «ئاللىقاچان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان، ئالغا ئىلگىرىلەشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق» دەپ قارىغان، ھەتتا زىدانىنى «ئۈنۈملۈك تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ» دەپ قارىغان.

ھازىرقى بۇ ئەھۋاللار توغرىسىدا زىدانى كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، كوماندىنىڭ بۇ ناچار قىياپىتىنى ئوڭشاشتا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا «توپچىلار يېڭىچە مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىگە مۇھتاج» دېگەن، ئۇنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ پىلانىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپ پەرەزلەر پەيدا بولغان.

ھەممىمىزگە ئايانكى، توپچىلارنى ئارام ئالدۇرۇش زىدانى ئەڭ ياقتۇرىدىغان تاكتىكا، شۇنداقلا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان، ھازىر ئۇ ئۆزىگە ئەڭ تونۇش بولغان بۇ تاكتىكىنى ئىشلىتىپ، قانداق قىلغاندا توپچىلارنىڭ ئىپادىسىنى يۇقىرى دەرىجىدە نامايەن قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەنسە بولىدۇ.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە لوڭقىغا ئېرىشكەن ۋاقىتقا قارىغاندا، خانلىق مادرىد كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، توپچىلارمۇ ئۆزگەردى. ھازىر خانلىق مادرىد توپچىلىرى باش ترېنېر زىدانى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار كېيىنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسىلا، زىدانىنىڭ خانلىق مادرىدتىكى ئورنى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.


分享到: