新闻详情

ئورگان تورى: تىيانشان يىلپىزى يېڭى چەتئەللىك ئەزا قوشۇۋالدى

发表时间:2020-10-23 19:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:nur

يېقىندا شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كۇلۇبى سەنشى چاڭئەن كۇلۇبى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، چەتئەللىك ئەزا ئونۇئېبۇنى ئىجارە شەكلىدە قوشۇۋالدى، بۇ چەتئەللىك ئەزا 7-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 2-باسقۇچتىكى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن كوماندىنىڭ دەرىجە ساقلاپ قېلىش نىشانى ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ.

1986-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان بۇ توپچىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.91 مېتىر بولۇپ، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، 9-ئايدىن باشلاپ سەنشى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئېلىمىز ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تۇنجى باسقۇچتىكى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان.

2016/2017 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ گېرمانىيە ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 33 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 18 قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولغان، 11 توپ كىرگۈزۈش ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

2017/2018 مۇسابىقە پەسلىدە گېرمانىيە ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 29 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولغان، ئىككى توپ كىرگۈزۈش ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ سىپرۇس بىرلەشمىسىدە 32 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، تولۇق ئاساسلىق ئەزا بولغان، 11 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ سىپرۇس بىرلەشمىسىدە 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 22 مەيدان ئاساسلىق ئەزا بولغان، 14 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.


分享到: