新闻详情

دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ مەزمۇنلارنى يوللىماڭ !

发表时间:2020-10-23 19:46作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

نۆۋەتتە، ئۈندىدار تەدرىجىي ھالدا قىسقا ئۇچۇر ۋە يان تېلېفوننىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، خىزمەتتىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. لېكىن ئۈندىدار نېمىلا دېگەن بىلەن يېڭى شەيئى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئورگان ۋە ئورۇنلاردىكى خىزمەت ئالاقە جەريانىدا بىر قەدەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىز ئۆزىڭىز بىلمىگەن ئاساستا ئۈندىدار ئارقىلىق باشقىلارغا سەلبىي تەسىر قالدۇرۇشىڭىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ بىر قانچە نۇقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

ئۈندىدار ئوينىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

(1) ئېكران كەسمە يۈزىدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىق كېرەك

ئېكراندىكى ئۇچۇرلارنى يان تېلېفوننىڭ ئېكران يۈزىنى كېسىش ئىقتىدارى ئارقىلىق كېسىپ باشقىلارغا ئەۋەتىش بىلەن-خىزمەت مەيدانىدىكى كۆپ ساندىكى قائىدە-يوسۇنلار زىت كېلىدۇ. ئىككى كىشىنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭلىشىشى شەخسىي قىلمىش بولۇپ، بۇ مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ باشقىلارغا يوللاشنىڭ ئۆزى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاش بولۇپ، ئوخشاشلا ئەخلاقسىزلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتداشلار ئارا ئالاقە جەريانىدا ئۈندىداردىكى سۆزلىشى خاتىرىنى كېسىپ يوللاشتا ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، خالىغانچە كېسىپ ئىسپات قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۈچىنچى بىر تەرەپكە خالىغانچە يوللاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

(2) خىزمەت توپىدا ئۇچۇر ئەۋەتىش جەريانىدا قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

خىزمەت توپىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، ئاساسلىقى خىزمەت ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. شۇڭا خىزمەت توپىدا ئەگەر خىزمەت ئۈچۈن زۆرۈر بولمىسا، باشقا پاراڭلار ئۆز لايىقىدا بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناتونۇش كىشىلەرنى خالىغانچە توپقا كىرگۈزمەسلىك كېرەك.

(3) گەپ-سۆز قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش

گەرچە ئۈندىدارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى مول، يەنى: يېزىق، ئاۋاز، چىراي ئىپادىسى قاتارلىقلار بولسىمۇ، لېكىن پىكىر ئالماشتۇرغاندا قارشى تەرەپنىڭ خاراكتېرى، تۇرۇۋاتقان مۇھىتى، خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئويلىشىش كېرەك. خىزمەت ئورنى ئۆزىدىن كۆپ يۇقىرى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىۋاسىتە تېلېفون بېرىش، شەخسىي مۇناسىۋىتى بەك ياخشى بولمىسا، ئادەتتە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىماسلىق كېرەك. خىزمەتكە قولايلىق بولۇش ۋە توغرا بولۇش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىشلەتمەي خەت يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش كېرەك.

(4) پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىگە دىققەت قىلىش كېرەك

ئىدارىدە ئۈندىدار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىشىش كېرەك. مەسىلەن، قارشى تەرەپ رەھبەرلىك ئورنىدا بولسا، چوقۇم ئىشلىرى ئىنتايىن ئالدىراش بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا «كۆرگەن بولسىڭىز جاۋاب قايتۇرۇڭ!»، «سىز بارمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمەستىن، بىۋاسىتە ئاساسىي مەقسىتىڭىزنى ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئالاقىلىشىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، دەرھال تېلېفون ئۇرۇپ ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. ئالاقە ئوبيېكتىنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئالاقە رىتىمىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، خىزمەتنى تېخىمۇ راۋان قىلىش كېرەك.

(5) دوستلار چەمبىرىكى بىلەن خىزمەت چەمبىرىكىنى پەرقلەندۈرۈش

دوستلار چەمبىرىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ توردىكى ئوبرازى. ئەگەر خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بىر نومۇرنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز، چوقۇم دوستلار چەمبىرىكىنى گۇرۇپپىغا ئايرىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بەزىدە سىز ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ نەزىرىدە قىزىقارلىق بىر مەزمۇن يوللىغان بولسىڭىز، بۇ مەزمۇن بەلكىم خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە خوجايىنىڭىزغا باشقىچە بىر خىل بىلىنىشى مۇمكىن، بەلكىم بىلىپ بىلمەي بەزى ئۇقۇشماسلىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرىنى ئىشلىتىشتە، چوقۇم شۇ كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بۇ بىر ئاددىي ساۋات.

(6) شەخسىيلەشتۈرۈش ئىپادىسىدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىق كېرەك

شەخسىيلەشتۈرۈش-ھەقىقىي ئادەمنىڭ بىر قەدەر ئالاھىدە چىراي ئىپادىلىرىنى ھەر خىل دېتاللار ئارقىلىق ياساپ، قىزىقارلىق ئىپادە قاتارىدا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەتتە شەخسىي چەمبىرەك بىلەنلا چەكلىنىدۇ، لېكىن ئىدارە توپىدا ئىشلەتكەندە بەزى كىشىلەرنى بىزار قىلىشى مۇمكىن. بىرلىك توپنىڭ ياش پەرقى چوڭ، ھەر خىل غەلىتە چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئانچە ماس كەلمەيدۇ، بەلكىم سىز پەقەت كەيپىياتنى جانلاندۇرماقچى بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بەزىدە بۇ باشقىلاردا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

(7) بەك مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئۈندىداردا بىر تەرەپ قىلماسلىق كېرەك

ئورگان خىزمىتىدە توغرا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇش مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۈندىدارنىڭ ۋاقىتچانلىقى خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى، لېكىن ئېھتىياتچان بولۇش دەرىجىسى جەھەتتە ئاجىز بولدى. مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، مەيلى سىز ئۇزۇن مۇھاكىمە قىلىڭ ياكى ئۇزۇن سۆھبەتلىشىڭ، يۈزمۇ-يۈز دېيىشمىگەچكە ھەممىسىدە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا يەنىلا تېلېفوندا ياكى يۈز تۇرانە سۆزلىشىش تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

(8) ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرۇش

باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق.



ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا خىزمەت ئۇچۇرى ۋە ئۈندىدار ئالاقە خاتىرىسىنى ياخشى يازغىلى بولىدۇ؟ بەلكىم تۆۋەندىكى مەزمۇنلار سىزگە ياردەم قىلىشى مۇمكىن !

ھۆكۈمەت ئىشلىرى جەريانىدىكى قىسقا ئۇچۇر ۋە ئۈندىدار ئالاقىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپى

(1) ئاتاش مۇۋاپىق ۋە توغرا بولۇش

قارشى تەرەپنى قانداق ئاتاشتا چوقۇم قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق ئىپادىلەش ھەمدە ئەدەپ-قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك.

(2) تۇنجى جۈملىدە ئاساسىي تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك

قۇرۇق گەپنى جىق قىلماسلىق، تۇنجى جۈملىدە ئاساسىي تېما ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. ئۇ قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

(3) مەزمۇنى ئىخچام، تەرتىپلىك بولۇش

ئىمكانقەدەر بىر قېتىملىق ئۇچۇر ئارقىلىق بارلىق يەتكۈزمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى ئىپادىلەش، ئامال بار ئۇچۇر ئەۋەتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك. ئەگەر يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئۇچۇرلار كۆپ بولسا، بۆلۈپ ئەۋەتىش كېرەك.

(4) ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزى ئېھتىياجغا ئاساسەن قوشۇپ قويۇلسا بولىدۇ

ئەگەر بىر قەدەر مۇھىم ئىش بولسا، ئاخىرىدا «تاپشۇرۇۋالغان بولسىڭىز جاۋاب قايتۇرۇڭ، رەھمەت!» دەپ قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ يەنىلا جاۋاب قايتۇرمىسا، تېلېفون قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى تاپشۇرىۋالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش زۆرۈر. ئالاھىدە ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىسقا ئۇچۇرى ياكى ئۈندىداردا ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، ئاخىرىدا مەخسۇس «ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى» دېگەندەك ئەسكەرتىش سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك.

(5) ئىسمىنى ئېنىق يېزىش، چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك

ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەۋەتىلىدىغان قىسقا ئۇچۇر ياكى ئۈندىدار ئۇچۇرلىرى بىر قەدەر رەسمىي ۋە ئۆلچەملىك بولۇشى، ئاخىرىدا ئىمزا قويۇپ ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

(6) ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەۋەتىلىدىغان قىسقا ئۇچۇر ياكى ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ سۆز ئىشلىتىش پىرىنسىپى:

مەدەنىيەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، قېلىپلاشقان، سىيلىق-سىپايە بولۇش

(7) ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەۋەتىلىدىغان قىسقا ئۇچۇر ياكى ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ مەزمۇن قائىدىسى:

مەزمۇنى چوقۇم ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. ئىخچام ۋە مېغىزلىق بولۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەددىدىن زىيادە ئېغىز تىلى بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەۋەتىدىغان قىسقا ئۇچۇر ياكى ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىشلىتىش قائىدىسى

(1) يوللاش ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش

ئەڭ ياخشىسى خىزمەت ۋاقتىدا يوللاپ، قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن بۇرۇن، كەچ سائەت 10:00 دىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا ئۇچۇر يوللىماڭ، چۈنكى قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئەسكەرتىش ئاۋازى قارشى تەرەپنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

(2) قوبۇل قىلىش كېچىكىپ قېلىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

ئەگەر بىر قەدەر مۇھىم ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى قارشى تەرەپنىڭ تاپشۇرىۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ياكى قىسقا ئۇچۇر ۋە ياكى ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن قارشى تەرەپكە تېلېفون قىلىپ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.

(3) قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماسلىق كېرەك

ئۇچۇر ئەۋەتكەندە «ئۈچكە دىققەت قىلىش» كېرەك: يەنى: ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلارنى يوللىماسلىق؛ ئېلان ياكى قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى توپ تارقاتماسلىق؛ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە ئۇچۇر يوللىماسلىق لازىم.

ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئون چوڭ نۇقتا

(1) ھەق-ناھەقنى ئايرىش: روشەن ھالدىكى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاھىشىغا ئىگە مەزمۇن ۋە رەسىملەرنى يوللىمىغان ياخشى، بۇنداق قىلغاندا خىزمەتداشلار ئارا ھەق-ناھەقنى ئايرىش تەس بولىدۇ.

(2) چاكىنىلىق قىلىشقا بولمايدۇ: ھەددىدىن زىيادە پەس، چاكىنا مەزمۇن ۋە رەسىملەرنى ئەۋەتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىڭىز سىزنىڭ ئىستىكىڭىزنىڭ ئوبيېكتىپ ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ.

(3) باشقىلارنى قارغاشقا بولمايدۇ: باشقىلارنى سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى تارقىتىشقا مەجبۇرلىسىڭىز بولمايدۇ، مەسىلەن: تارقىتىپ قويسىڭىز ئامىتىڭىز كېلىدۇ، بېيىپ كېتىسىز، تارقاتمىسىڭىز نەس باسىدۇ....دېگەندەك.

(4) باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ: باشقىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي مەخپىيەت خاراكتېرىنى ئالغان مەزمۇن ۋە رەسىملەرنى خالىغانچە تارقىتىشقا بولمايدۇ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۈرەت ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ، شۇنداقلا كەسىپ قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

(5) باشقىلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ئۇچۇرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشتىن بۇرۇن يۈرەك بېرىش: باشقىلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە چىقارغان ئېسىل مەزمۇنلىرى ۋە سۈرەتلەرنى تارقاتماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن «ئالقىشلاپ» يۈرەك بېرىپ، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلىشىمىز كېرەك، بۇ بىر ئەدەپ-قائىدە، شۇنداقلا تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.

(6) بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم بولۇشقا دىققەت قىلىش: كۆرۈپ تۇرۇپ تارقاتماسلىقتىن ساقلىنىش، دوستلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بولمىسا دوستلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىگە كېلىشى مۇمكىن. باشقىلار سىزگە «سالام» قىلغاندا، ئامال بار ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىز كېرەك، بۇ ئەدەپ-قائىدە بىلەن باردى-كەلدى قىلىش دېيىلىدۇ.

(7) دوستلار چەمبىرىكىدە شەخسىي تۇرمۇشتىكى ئۇششاق چۈششەك ۋە باش ئاغرىقلىرىنى يوللىماسلىق: بۇ ھەم دوستلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دوستلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق، ھەم ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

(8) دۆلەت ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا چېتىلىدىغان مەخپىيەتلىكلەرنى يوللىماسلىق: مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ھەتتا بەك يېقىن كىشىلىرىمىزگىمۇ ئەۋەتمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى ئۇچۇر تور دەۋرىدە سەللا بىخەستىلىكىمىز بەلكىم مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن.

(9) ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى ئۈندىدارنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق ساقلىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنداق مەزمۇنلارنى ساقلىۋېلىپ، دائىم كۆرۈپ، دائىم ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلىگەندە، يېڭى بايقاش، يېڭى تەسىرات، يېڭى يۈكسىلىش، يېڭى ھاسىلاتقا ئۈزلۈكسىز ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(10) ئۈندىدارنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تۇتقۇن قىلىشىغا يول قويماڭ: ھەرقانچە ياخشى نەرسىمۇ قوش بىسلىق خەنجەر، ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا ئۈندىدارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ تېلېفوندىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.


分享到: