新闻详情

نېمىشقا 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار توي قىلىشنى خالىمايدۇ؟

发表时间:2020-10-24 01:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن

چوڭلار 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئۈستىدە توختالغاندا، ھەمىشە چۈشكۈن، ئاساسىي ئېقىم ئەمەس، شەخسىي تۇرمۇشى قالايمىقان، نادان... دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىدىنلا 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا نىسبەتەن ئېغىر نارازىلىقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ھالبۇكى، ئەمەلىيەت راستلا شۇنداقمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. خۇددى ھەر بىر دەۋردىكى ياشلارنىڭ ئۆزىگە خاس تامغىسى بولغىنىدەك، ئۇلارمۇ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىشى تەبىئىي ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلەن 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلاردىن رەنجىۋاتقان ئاشۇ چوڭاملارغا بىر قاراپ باقايلى. ئوقۇش تارىخى ھەم مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۈزۈك تايىنى يوقلا دۆلەت ئىشتاتىدىكى ئورۇنلارغا قوشنىسىنىڭ بېغىغا كىرگەندەك كىرىپ ئورۇنلىشاتتى. ئۇلاردىنمۇ بۇرۇنقىلارغا كەلسەك، ئۆي سېلىش دېگەن ھېچقانچە باھانە ئەمەس. ئۆزى بىلەن تەڭ قۇرامدىكى قىزلارنىڭ ئۆي ۋە تۇرمۇشقا بولغان قارىشىدا بەك چوڭ ھەشەمەتچىلىك ئىدىيەسى بولمىغاچقا، خاتىرجەم ھالدا تۆت تامنىڭ ئىچىنى ئۆي قىلىپ تۇتىۋېرەتتى. يەنە كېلىپ بۇ يەرنىمۇ ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەييار كېسىپ بەرگەن. لېكىن 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا كىم مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى قوش قوللاپ بېرىپ باقتى؟

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى دۆلىتىمىزدە توي قىلىش نىسبىتى %7.7 بولغان، 2013-يىلى توي قىلىش نىسبىتى %9.92 بولغاندىن كېيىن يىلدىن-يىلغا قاراپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۆۋەتتە جۇڭگودىكى بويتاق ياش ئەر-ئاياللارنىڭ ئومۇمىي سانى 200 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن ياشلار توي قىلماسلىقنى ياكى كېچىكىپ توي قىلىشنى تاللىغان.

نېمىشقا 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار توي قىلىشنى خالىمايدۇ؟

قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى

بەزى قىزلار ئەتراپىدىكى توي قىلىپ بولغان كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، توي قىلغاندىن كېيىنكى قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىزنىڭ تويىڭىز ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ياخشى بولمىغان قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋىتى بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇمۇ بەزى قىزلارنىڭ توي قىلىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبتۇر.

ئىقتىسادىي بېسىم

ئوغۇللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ قورقىدىغىنى ماشىنا سېتىۋېلىش، ئۆي سېتىۋېلىش ۋە پۇل ئامانىتى بولۇش. يەنە كېلىپ نۇرغۇن قېيىن ئانىلار قىزىنىڭ بەختى ئۈچۈن، ئوغۇل تەرەپنىڭ ماشىنىسى، ئۆيى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئۆي باھاسىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكى بەش قولدەك ئايان. ئەگەر توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ماشىنىسى، ئۆيى بولۇشى كېرەك بولسا، ئۇنداقتا ئوغۇللارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى تەييارلىغۇدەك نەدىمۇ پۇل بولسۇن؟ شۇڭا بىر قىسىم ئوغۇللار توي قىلىشنى ئاڭلىسىلا قورقىدۇ.

رېئال مەسىلە

توي قىلىشقا نىسبەتەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆيى بولغاندىلا تەۋەلىك تۇيغۇسى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۆي ۋە ماشىنىغا ئوخشاش رېئال مەسىلىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنى توي قىلىشتىن تەبىئىيلا ئىككىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئىككىيلەن تويدىن كېيىن ئۆي قەرزى ۋە ماشىنا قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراشلىق ئىچىدىلا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنىمۇ ھېس قىلماي ئۆتۈشتىن قورقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تويدىن كېيىن بالا بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپلەپ سەپلەپ قىلىۋېلىشنى خالىمايدۇ

ھازىرقى ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويى بار، كۆپ سانلىققا ئەگىشىشنى ياقتۇرمايدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر توينى ئەپلەپ سەپلەپ قىلىۋالماي، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تېپىپ بىر ئۆمۈرنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

ئەگەر 90-يىللاردا تۇغۇلغانلار ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەقىقىي مۇھەببىتىنى تاپالمىسا، توي قىلىشنى خالىمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلسا ياكى شارائىتى ياخشى بولمىغان ئادەم بىلەن توي قىلسا، ئاخىرىدا پەقەت تۆۋەن سۈپەتلىك ۋە تۆۋەن سەۋىيەلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ.

شەخسنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ

90-يىللاردا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ توي قىلىشنى خالىماسلىقىدا، ھەقىقىي مۇھەببەتنى قوغلىشىش ۋە بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى بار. ئۇلار توي قىلىشنى كىشىلىك ھاياتتا چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان باسقۇچ ئەمەس، ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزى ئىزدىسىلا بولدى، توي ئۈچۈن بۇ نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ، بۇ بىر توپ يىگىرمە نەچچە ياشلىق ياشلار قانداقمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكەلىسۇن؟ ئۇلار سۆيۈشكە تىرىشىپ باقتى، يۇقىرى ئاۋازدا كۈلدى، كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلغۇدەك دەرىجىدە ھۆڭرەپ يىغلىدى، ياشىماق شۇنچىلىك تەس بۇ دەۋردە يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ياشىدى....

ئۇلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ھېچكىمنىڭكىدىن ئاز ئەمەس، ھەم ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىمۇ ھېچكىمنىڭكىدىن ئاجىز ئەمەس.

تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئۇلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەندە، ئۇلارمۇ باتۇرلۇق بىلەن بەرداشلىق بېرىدۇ. ئاخىرىدا بارلىق 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان جاپاكەش ياشلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئادىمىگە ئۇچراپ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


分享到: