新闻详情

بارسېلونا «دۆلەت دېربىيسى»غا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2020-10-24 12:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 7-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتۈۋالىدۇ. بارسېلونا ئورگان تورىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالبا ساقىيىپ تىزىملىككە قايتىپ كەلگەن، تېرستېگېب داۋاملىق تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن.

بارسېلونانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: نېتو، پېنىيا، تېناس

بېك: دېست، پىك، ئاراۋخو، لېنگلېت، ئالبا، روبېرتو، فېرپو

ئوتتۇرا مەيدان: بۇسكېس، ئالېنىيا، پيانىچ، پۇيگ، كوتىنھو، پېدرى، دېيوڭ

ھۇجۇمچى: گرېزمان، برەيسۋەيت، مېسسى، دېمبېلې، ترېنكاۋ، فاتى

خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن، 10 جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 3-ئورۇندا تۇرماقتا؛ بارسېلونا بولسا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، سەككىز توپ كىرگۈزۈپ ئىككى توپ كەتكۈزۈپ، يەتتە جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 9-ئورۇندا تۇرماقتا.


分享到: