新闻详情

خانلىق مادرىد «دۆلەت دېربىيسى»غا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2020-10-24 12:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 7-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتۈۋالىدۇ. خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راموس ساقىيىپ تىزىملىككە قايتىپ كەلگەن، خازارد داۋاملىق تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن.

خانلىق مادرىدنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: كۇرتۇۋا، لۇنىن، لوپېز

بېك: مىلىتاۋ، راموس، ۋارانې، ناچو، مارسېلو. مېندى

ئوتتۇرا مەيدان: كروس، مودرىچ، كاسېمىرو، ۋالۋېرد، ئىسكو

ھۇجۇمچى: بېنزېما، لۇكاس ۋاسكېز، ۋېنىسسيۇس، رودرىگو، يوۋىچ

خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، ئالتە توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزگەن، 10 جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 3-ئورۇندا تۇرماقتا؛ بارسېلونا بولسا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغىچە ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋالدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇپ، سەككىز توپ كىرگۈزۈپ ئىككى توپ كەتكۈزۈپ، يەتتە جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 9-ئورۇندا تۇرماقتا.


分享到: