新闻详情

شىنجاڭدا مەمۇرلارنى قوبۇل قىلغاندا ئىناۋەت خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى قاتتىق ئىشلىنىدۇ

发表时间:2020-10-24 12:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: شەخسلەرنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ تەيىنلەشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى قىلىنغان خادىملارنى قوبۇل قىلىشقا، مەمۇرلۇققا يۆتكەشكە بولمايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن« مەمۇرلار قانۇنى» ۋە« مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى» ، « مەمۇرلارنى يۆتكەپ تەيىنلەش بەلگىلىمىسى» دە، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ تەيىنلەشنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىجتىمائىي ئىناۋەت خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى قىلىنغان خادىملارنى قوبۇل قىلىشقا، يۆتكەپ مەمۇرلۇققا يۆتكەشكە بولمايدۇ، دەپ ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020-يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا، قانۇن بويىچە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى قىلىنغان خادىملارنىڭ مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

10ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈش خىزمىتى كونكرېت ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇر مەركىزى دۆلەت ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇر مەركىزى ئاساسىدا ئاچقان» مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، نامزاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى« بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇر مەركىزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

سۈرۈشتۈرگەندە، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى، يۆتكىمەكچى بولغاندا، ئالاقىدار ئورگان تەشكىلات، كادىرلار تارمىقى رەسمىي ھۆججەت – ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ھۆججەت – ئالاقە قېلىپىنى تولدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىناۋەت ئۇچۇر مەركىزىگە تاپشۇرىدۇ. تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىناۋەت ئۇچۇر مەركىزى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىناۋەت ئۇچۇرى مەركىزى تەلەپ قىلىنغان ھۆججەت – ئالاقىلارنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن تارتىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگىچە ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسى لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا بىرلىشىپ تەنبىھ بېرىش ئوبيېكتىنىڭ ئۇچۇرى بولسا، ئىككىنچى قېتىم قايتا تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرا، خاتاسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك مەمۇرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، مەمۇرىيەت سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق؛ مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ ئىناۋەت ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرلارنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.


分享到: