新闻详情

AC مىلان ئۇدا 21 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولمىدى

发表时间:2020-10-24 12:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا، AC مىلان 3-1 نەتىجىدە كېلىتلىقلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن، AC مىلان بۇ پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىنكى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى سەككىز مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار پەسىل ھالقىغاندىن بۇيان ئۇدا 21 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولمىدى. بۇ 21 مەيدان مۇسابىقىدە، AC مىلان 17 مەيدان غەلبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىشتەك قالتىس نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.


分享到: