新闻详情

جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى باشلاندى

发表时间:2020-10-24 12:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:网易新疆



ئالتۇن كۈزدىكى 10 ـ ئايدا، كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، مېۋە ـ چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. « 2020 ـ يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى» 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن دەرياسى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونىدا باشلاندى.

ئالتۇن كۈز ساياھىتى قەشقەردە 2020 ـ يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى رەسمىي باشلاندى

约在金秋 游在喀什  2020中国新疆喀什丝路文化胡杨节正式开幕

   ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خۇ خەنمىن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۈلى ئابلىكىم، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خوۋ جىجۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەخمەت رازاق، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنيىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئېچىلىش مۇراسىمىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خۇ جىجۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خۇ خەنمىن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى ھەم بىرلىكتە» 2020 ـ يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى« نى رەسمىي باشلىدى.

约在金秋 游在喀什  2020中国新疆喀什丝路文化胡杨节正式开幕

   شىنجاڭ قەشقەر جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بايلىقى مول، مەدەنىيىتى كۆپ خىل، مەنزىرىسى گۈزەل، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قويۇق بولغان مەشھۇر سەيلىگاھ ۋە تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى. بۇ يەردە، دۇنيادىكى ئالتە چوڭ تۈردىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ ھەممىسى بار، ھەمدە 209 ساياھەت بايلىقى بار، ئەلا دەرىجىلىك بايلىق 64.11% نى ئىگىلەيدۇ، A دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىدىن 48 ى بار، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى بار، چېگرا ئىچىدىكى قارلىق تاغ، مۇزلۇق، چۆل-باياۋان، بوستانلىق، يېزا-قىشلاق، قۇم كېمە، توغراقلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، رايون مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەنزىرىسى خىلمۇ خىل بولۇپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئالتۇن كۆل، ياڭ فېڭيۈن، پامىر مەنزىرىسى ۋەكىللىكىدىكى ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا يۇقىرى تەسىر كۈچى زور.

   بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر توغراق بايرىمىدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە تاشقورغان ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىدىن ئىبارەت تۆت شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

约在金秋 游在喀什  2020中国新疆喀什丝路文化胡杨节正式开幕

约在金秋 游在喀什  2020中国新疆喀什丝路文化胡杨节正式开幕

约在金秋 游在喀什  2020中国新疆喀什丝路文化胡杨节正式开幕



约在金秋 游在喀什  2020中国新疆喀什丝路文化胡杨节正式开幕

   ھەر قايسى شۆبە يىغىن مەيدانلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ « يې خې قاشتېشىنى بايقاش سەپىرى» ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ» N39°قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە سەپىرى» ، «مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ» يىپەك يولىدىكى توغراق سەيلە ساياھىتى   ، «تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ» مۇزلۇقنى پىيادە ھەيدەپ جەڭ ئېلان قىلىش سەپىرى قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدە ساياھىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم بۇ مەزگىلدە ھەر قايسى يىغىن مەيدانلىرىدا شۇ جاينىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن توغراق 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ N39°قۇملۇق مەنزىرە رايونى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ قىزىل دېڭىز مەنزىرە رايونى، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: قەشقەر ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ قېتىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنى شىنجاڭ قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن


分享到: