新闻详情

ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇز كۆل مۇلازىمەت رايونى 11-ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ

发表时间:2020-10-24 13:39作者:爱酷艺网来源:网易新疆

20201024

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى G30 پارچە ساغال ـ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىش تۈرىدە تۇز كۆل مۇلازىمەت رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىۋاتقان تۇز كۆل مۇلازىمەت رايونىدىكى يېمەك ـ ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى، زالنىڭ ئىچكى قىسىم تارماق رايونى يەنىلا بېزىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل 11 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تىجارەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلاندى.

10ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، شىنجاڭ يېڭى يولى تاشيول ئاسراش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۇز كۆل مۇلازىمەت رايونىنىڭ مەسئۇلى جاۋ چۈنرۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مۇلازىمەت رايونى « مەملىكەت بويىچە 100 ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش مۇلازىمەت رايونى» ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتىكى مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت، يەنە شوپۇرلار ئارام ئېلىش ئۆيى، زاپاس تازىلىق ئۆيى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش قوزۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەر كۆپەيتىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، ئىللىق، راھەت، بىخەتەر، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى.

«مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىرلا ۋاقىتتا 500 ئاپتوموبىلنى توختىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە زاپاس ھاجەتخانىنى ئاچقىلى بولىدۇ، بىر تەرىپىگە بىرلا ۋاقىتتا 200 ئادەم سىغىدۇ.

  جاۋ چۈنرۇ مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت رايونى يەنە 3 ـ تازىلىق ئۆيى، ئانا ـ بالىلار ئەسلىھەسىنىڭ ئەسكەرتمىسى ۋە يېتەكلەش بەلگىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت زالى مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت سۇپىسى، شوپۇرلار ئائىلىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاپ تەسىس قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇز كۆل مۇلازىمەت رايونىنىڭ كۆلىمى 118 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كونا مۇلازىمەت رايونىدىن بەش ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە چوڭ ئىكەن. مۇلازىمەت رايونى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىنسانىي مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنچىكە لايىھەلەپ، ئۆتكەن ـ كەچكەن شوپۇرلارنى ئاپتوموبىل توختىتىش، يېمەك ـ ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ھاجەتخانىغا كىرىش، ماي قاچىلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.



分享到: