新闻详情

ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» كېيىنكى ئۇچرىشىشى تاماشىبىنلار بار ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن

发表时间:2020-10-24 14:50作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

/uploadfile/2020/0901/2020090116200479318.jpg

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى پەسىللىك ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى، بارسېلونانىڭ ساھىبخان مەيدانى نوكەمپودا قۇرۇق مەيداندا ئېلىپ بېرىلىپ، كېينكى ئۇچرىشىشى خانلىق مادرىدنىڭ ساھىبخان مەيدانى بېرنابۇدا تاماشىبىنلار بار ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىندا 2020-21-مۇسابىقە پەسللىك، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئېلان قىلىندى، بارسېلونا 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خانلىق مادرىد بېرنابۇغا قايتىپ بارسېلونانى كۈتىۋالىدۇ.

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە قۇرۇق مەيداندا مۇسابىقە ئوينايدىغان بولۇپ، ئەمما 2021-يىلىغا بارغاندا، توپ مەستانىلىرىنىڭ قايتىدىن مەيدانغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، شۇڭا بۇ خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئەۋزەللىك ھېسابلىنىدۇ.

بارسېلونا، مادرىد ئاتلېتكا ۋە سېۋىللا قاتارلىق كوماندىلار ياۋروپا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسى كېچىكىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى باشلانغاندا، خانلىق مادرىد بىر ئايلانما (خانلىق مادرىدنىڭ پەقەت بىر ئايلانما مۇسابىقىسى كېچىكىدۇ.) مۇسابىقىنى بالدۇر ئويناپ، نومۇر ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.


分享到: