新闻详情

ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

发表时间:2020-10-24 14:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى ئىسپانىيە دۆلەت دېربىي دۇنيا بويىچە پۇتبول مەستانىلىرىنى ئەڭ كۆپ جەلىپ قىلىدىغان مۇسابىقە. بۇ مۇسابىقە تىلغا ئېلىنسا سىز بەلكىم مۇشۇ مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىيەلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشلەرنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا بىز ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى.

1943-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، خانلىق مادرىد شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، ئىككى كوماندىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر پەرقىنى ياراتقان. مۇسابىقە نەتىجىسى: خانلىق مادرىد 11-1 بارسېلونا.

1975-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ياش توپچى كاماچىئو كرۇيىفنى ئوڭۇشلۇق مۇداپىئە قىلغان، خانلىق مادرىد بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ ئۆچىنى ئالغان. مۇسابىقە نەتىجىسى خانلىق مادرىد 1-0 بارسېلونا.

1983-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، بارسېلونا خانلىق مادرىدنى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەغلۇپ قىلغان. شۇستېر بۇ مەيداندا بىر توپ كىرگۈزگەن ھەمدە خانلىق مادرىد مەستانىلىرىغا ئەخلاقسىز بولغان ھەرىكەت ئىشلىگەن. شۇستېر 1988-يىلى خانلىق مادرىدقا، 1990-يىلى مادرىد ئاتلېتكىغا يۆتكەلگەن.

1980-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، خانلىق مادرىدتىكى ئېنگلاندلىق پۇتبولچى كەننان ئۆزىنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى ئېسىل ماھارىتى ۋە ئىپادىسى بىلەن بارسېلونا پۇتبول مەستانىلرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭ خانلىق مادرىدتىكى ئەڭ ئېسىل بىر مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان.

1994-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، بارسېلونا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان، رومارىئو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە «قالپاق ئويۇنى» ئوينىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ھەرىكىتىدىن بىرى بولغان «كالا قۇيرۇقى شەكىللىك ئادەمدىن ئۆتۈش» بىلەن خانلىق مادرىد بېكى ئالكوتانىڭ خاتىرىسىدە چىڭ ساقلانغان.

1995-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، لاۋدىرۇپ بارسېلوناغا قوشۇلغان، بارسېلونادا بەش يىل توپ تەپكەندىن كېيىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان (سۈرەتتىكى گوئاردىئوۋلا بىلەن لاۋدىرۇپ).

1997-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا بارسېلونا 2-1 خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ كۆرۈنۈش خانلىق مادرىد توپچىسى كارلوس پۇتبول مەستانىلىرى ئاتقان چاقماق باش قىسىمىغا تېگىپ يىقىلغان چاغدىكى كۆرۈنۈش.

1996-1997 پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە، خانلىق مادرىد بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە رونالدو تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان، سۈرەتتىكىسى رونالدو بىلەن كارلوس. كېيىن رونالدو خانلىق مادرىدقا يۆتكەلگەن ھەمدە دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى رونالدىنھو بىلەن مۇسابىقە مەيدانىدا كۆرۈشكەن.

1999-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسىدە، رائۇل مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن، ھەمدە بارسېلونا پۇتبول مەستانىلىرىغا قاراپ تىنىچلان دېگەن ھەرىكەتنى ئىشلىگەن.

2001-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، بارسېلونادىكى رىۋالدو بىر توپ كىرگۈزگەن، شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقە نەتىجىسى بارسېلونا 3-2 خانلىق مادرىد بولۇپ، لېكىن باش رېپېر بارسېلونا ئەزاسى كىلوۋېرتنى ئورۇن ھالقىدى دەپ قاراپ بۇ توپنى ئىناۋەتسىز قىلغان، گواردىئولا باشچىلىقدىكى كوماندا ئەزالىرى رېپېرغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

2005-2006 پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 12-ئايلانمىىسىدا، 18 ياشلىق مېسسى تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا 3-0 خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان، مېسسى مۇسابىقىدە بىر قېتىم زىدانىنى مۇداپىئە قىلغان، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مېسسىنى قانداق مۇداپىئە قىلىش زىدانىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

2008-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، خانلىق مادرىد مۇددەتتىن بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بارسېلونا توپچىلىرى مەيداندا رەتكە تىزىلىپ ئۇلارنى قارشى ئالغان، لېكىن خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلماستىن 4-1 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان.

زىدانى 2001-يىلى خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇپ، 2006-يىلى چېكىنگەن، بۇ جەرياندا بەش قېتىم نوكەمپو مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان، تۇنجى قېتىم 2001-220 پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانمىسىدا نوكەمپو مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان، مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا رائۇل پاس چىقىرىپ زىدانى بىر توپ كىرگۈزگەن، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونادىن شاۋى بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى تەرەپ 1-1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغان، شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە زىدانى بارسېلونا توپچى ئېنرىك بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، كېيىن بۇ ئىككى توپچى ترېنېرلىق سالاھىتىدە قايتا ئۇچراشقان.


分享到: