新闻详情

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قەشقەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى

发表时间:2020-10-25 16:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:第一财经资讯

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۈگۈن (10-ئاينىڭ 25-كۈنى) خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، شىنجاڭ قەشقەرگە بېرىپ شۇ جايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.


بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى« قەدىمىي شەھەر قەشقەر» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قەشقەر شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 گىچە، نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن 602 نى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، نوكلىئېك كىسلاتاسىدىن 308 مىڭ 207 ئادەم ئەۋرىشكە ئېلىنغان بولۇپ، ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئومۇمىي خەلق يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاش مۆلچەرلەنگەن.


ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار، يەسلىلەردە 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە دەرس توختاتتى.


640-42.png

来源:第一财经资讯

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦提江

640-529.jpeg

www.alkuyi.com


分享到: