新闻详情

قەشقەر نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى باشلىدى

发表时间:2020-10-25 16:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 24-ئۆكتەبىر سائەت 0 دىن 24 گىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى يېڭىدىن كۆپەيمىگەنلىكىنى، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى كۆپەيگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

24-ئۆكتەبىر سائەت 24 گىچە، شىنجاڭدا (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار نۆل، كېسەللىك ئالامىتى يوق بىمار بىر (قەشقەر ۋىلايىتىدە). نۆۋەتتە، بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە ھەمدە نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرمەكتە.


قەشقەر ۋىلايىتىدە نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ


تىيانشان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ھەم قىسمەن رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارقىلىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپ، يامراپ كەتمەسلىككە كېڭىيىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ كۈچنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش؛ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىپ كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىشنى تەلەپ قىلغان.



قەشقەر ئايرودۇرۇمى: قەشقەردىن ئايرىلىدىغانلار نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىپ ئاندىن ئايروپىلانغا چىقىدۇ


نۆۋەتتە قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى ھەم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۈرۈشى نورماللاشتى، لېكىن قەشقەردىن ئايرىلىدىغان بارلىق كىشىلەر نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىپ ئاندىن ئايروپىلانغا چىقالايدۇ، قەشقەردىن ئايرىلىشقا ئېھتىياجلىق پۇقرالار نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئاۋۋال تەكشۈرتىشىگە بولىدۇ.



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 24-ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى "تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق تەكشۈرۈش" بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈشتە كېسەللىك ئالامىتى يوق بىر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى بايقىغان.

كېسەللىك ئالامىتى يوق بۇ يۇقۇملانغۇچى ئايال، 17 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى 2-كەنتىدىن، 24-ئۆكتەبىر نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغان، ھازىر قەشقەردىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە. ھازىر قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق.

شۇ كۈنى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال جىددىي لايىھە تۈزۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە قويۇق ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلمەكتە ھەمدە نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلمەكتە، كېسەللىك ئالامىتى يوق بۇ يۇقۇملانغۇچى ئىلگىرى ھەرىكەت قىلغان جايلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلمەكتە، ئالاقىدار ئۇچۇرلار جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

سەھىيە تارماقلىرى ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كۈز ۋە قىش پەسلىنىڭ كىرىشى بىلەن شەخسىي مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىپ، ئىلمىي ماسكا تاقاپ، قولنى پات-پات يۇيۇپ، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئارىلىق ساقلاپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە تېزدىن بېرىش كېرەك.













来源:中央广播电视总台






分享到: