新闻详情

«كېلىن يۆتكەش»نىڭ 25 يىللىقى تەبرىكلىنىپ دۇنيا مىقياسىدا قايتا قويۇلدى

发表时间:2020-10-25 21:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:nur

«كېلىن يۆتكەش» ھىندىستاندا زور مودا ئېقىمى پەيدا قىلغان كلاسسىك كىنو. ئادىتيا چوپرا فىلىمنىڭ سېنارىيىسىنى يازغان ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان، شاھرۇھ خان بىلەن كاجول باش رول ئالغان. بۇ كىنو بېلەت كىرىمىدە زور نەتىجە قازانغان، ھىندسىتان كىنو تارىخىدىكى ئەڭ بازارلىق كىنولارنىڭ بىرى، يەنە تېخى ھىندىستان تارىخىدا كىنوخانىلاردا ئەڭ ئۇزۇن قويۇلغان كىنو. يېقىندا بۇ كىنونىڭ قويۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قايتا قويۇلدى.

بۇ كىنو گېرمانىيە، قاتار، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، جەنۇبىي ئافرىقا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، فىجى، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قويۇلۇۋاتىدۇ.

كىنو تارقىتىشقا مەسئۇل خادىم: «بۇ كىنو مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە قويۇلسۇن، ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىم كىنو قويۇلغانلىقنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشال ھالدا كىنونى دۇنيا مىقياسىدا قايتا قويۇدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىمەن، تاماشىبىنلار بۇ پۇرسەتتە بۇ كلاسسىك كىنونى تەبرىكلىيەلەيدۇ»، دېدى.

بۇ كىنودا باش رول ئالغان شاھرۇھ خان ۋە كاجول ھازىرمۇ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ماسلاشقان ئېكران بىر جۈپلىرى، بۇ كىنو ئەينى ۋاقىتتا 10 فىلىمفەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ كۆپ فىلىمفەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ قالغان.

بۇ كىنو 40 مىليون رۇپىيە تەننەرخ بىلەن ئىشلەنگەن، 1995-يىلى قويۇلۇپ ھىندىستان بازىرىدا 890 مىليون رۇپىيە، دۇنيا بازىرىدا 135 مىليون رۇپىيە كىرىم ياراتقان. ئومۇمىي بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 20 مىليون رۇپىيەگە يەتكەن. ھېسابلىغاندا، بۇ بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاندا تۆت مىليارد 550 مىليون رۇپىيە، خەلقئارا بازاردا 690 مىليون رۇپىيە، ئومۇمىي بەش مىليارد 240 مىليون رۇپىيە كىرىم قىلغانلىققا باراۋەر. (بىر يۈەن خەلق پۇلى = 11.0451 رۇپىيە (ھىندىستان))


分享到: