新闻详情

روكفېللېر: ياشلار قەرز ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك

发表时间:2020-10-25 21:35作者:alkuyi来源:nur

روكفېللېرنىڭ بايلىق سىرى: ياشلار قەرز ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ھېچكىم پۇل ئامانەت قويۇشقا تايىنىپ بېيىغان ئەمەس.

روكفېللېر ئالدىنقى ئەسىردىن بۇيانقى تۇنجى «تىرىليونىر باي» بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەقىقىي نېفىت شاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. كۆپچىلىك بەلكىم روكېفېللېرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە باي ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى شۇ دەرىجىدە كۆپكى، (ئەگەر تىزسا) يەر شارىنى نەچچە قېتىم ئايلىنىپ چىقالايدۇ.

دەسلەپكى يىللاردا روكفېللېرنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بولۇپ، مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىغان، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە تونۇشلۇق روكفېللېر بولمىغان بولاتتى. شۇنداق بولسىمۇ، گۆدەك روكفېللېر يەنىلا چىشىنى چىشلەپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى، چۈنكى پەقەت بىلىم بولغاندىلا ئاندىن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر كۈنگە ئۇلاشقىلى بولاتتى. چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇ باشقىلارغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن قەرز ئېلىشتىن قورقمايمەن، چۈنكى پەقەت قەرز ئالغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

شۇڭا بالىسى بىلەن بولغان مۇئامىلىدىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بالىسى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭغا قانداق مەبلەغ سېلىشنى، پاي چېكىنى قانداق ئويناشنى ئۆگىتەتتى، لېكىن بالىسى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، روكفېللېر بالىسىغا ئۇتتۇرالىشىڭ كېرەك، پەقەت ئۇتتۇرالىغاندىلا، ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ تەربىيە قىلاتتى.

شۇنداق قىلىپ كىچىك روكفېللېر دادىسىنىڭ ياردىمىدە پۇل تېپىش يولىغا قەدەم تاشلايدۇ، دەسلەپتە دادىسىنىڭ ياردىمى بىلەن قەرز ئالىدۇ، كېيىن ئۆزى بانكىدىن مۇستەقىل قەرز ئالىدۇ، ئەمما بانكىدىن قەرز ئالسا، ۋاقتى كەلگەندە پۇلنى قايتۇرالماي ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئەنسىرەيدۇ.

بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قەرز ئالغاندىن كېيىن قايتۇرىدىغان پۇلنىڭ بولماسلىقىدىن ئەنسىرىشى ياكى كۈن بويى ئۆسۈمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىزچىل ئەندىشە قىلىش بىر ئىزدا توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ (گەرچە يۇقارقىلاردىن ئەنسىرەپ تۇرسىمۇ)، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك، شۇندىلا ئۆسۈپ يېتىلىپ ئالغا باسقىلى، مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ قەدەم تاشلىغىلى بولىدۇ.

ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر قەرز پۇلنى قايتۇرالماسلىق سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. لېكىن روكفېللېر: دائىم مەغلۇبىيەتنى ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەتنى ئويلاش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمدە بۇنداق مەغلۇبىيەت تەپەككۇرى بولسا، بۇنداق ئادەمگە قانچە كۆپ پۇل بەرسىمۇ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالمايدۇ.

ئەينى يىلى روككېفېللېر قەرز پۇل ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيى ۋە شىركىتىنى بانكىغا رەنىگە قويغان، ئۇ بۇ پۇل بىلەن مەبلەغ سالغان، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بۇلاتتى. دائىم مەبلەغ سېلىشنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىن ئەندىشە قىلىپ مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىز، نېمىلا دېگەن بىلەن بارلىق مەبلەغدىن زىيان چىقمايدۇ، بەلكىم سىز بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش سەۋەبىدىن زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.


ھازىرقى ياشلارنىڭ ھەممىسى «ھالقىما (مۇددەتتىن بۇرۇنقى) ئىستېمال»نىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولۇپ، بەزى ئالىي دەرىجىلىك تاۋارلارنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، قىممەتلىك سومكا، نەپىس كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى روككېفېللېرنىڭ قارىشىدىكى قەرز ئېلىش ئەمەس، روكفېللېر سىزنى پۇل قەرز ئېلىپ ئىستېمال قىلىشقا ياكى بەزى كېرىكى يوق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئەمەس، بەلكى بۇ قەرز پۇلىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا ئۈندەيدۇ، مەبلەغ سالغاندا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايسىز.


分享到: