新闻详情

زۇڭتۇڭغا ياتلىق بولۇشنىمۇ رەت قىلغان «دۇنيا گۈزىلى» تالاي ئەرلەرنى داغدا قويدى

发表时间:2020-10-26 21:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:qq.com

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كونىلاردا «ئادەم بارلىكى يەردە جاھان كەزدىلەر بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىدى. لېكىن ھازىر چەتئەلدە «ئېۋا گىرىن (Eva Green) بارلىكى يەردە، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىقىلىدىغان ئەرلەر بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار ئىكەن.

كىشىلەر بۇ گىگانت چولپانغا «فىرانسىيە گۈزىلى»، «دۇنيا گۈزىلى» دەپ نام بەرگەن بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ قايرىلىپ قاراش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن، ھەتتا ئاياللارمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپ قالىدىكەن. «مۇستەقىللىق گېزىتى ئۇنى گوتچە، غەلىتە ھەم تەنناز» دەپ سۈپەتلىگەن.

ئەمما گۈزەل قىز ئېۋا ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ شالىسىنى ئېقىتىپ كەتكەنلىرىگە پىسەنت قىلىپ باقمىغان. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى كۆرگۈسى بولسىمۇ، ئۇ زادىلا كۆرۈنمەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ «تەنناز گۈزەل قىز»نىڭ رولىنى ئېلىشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قېرىشقاندەك ئۇ بالىلار فانتازىيەلىك فىلىمىدە رول ئېلىشنى تاللىدى.

بۇ يىلقى دىسنىينىڭ كارتون فىلىمى «كىچىك ئۇچار پىل»《小飞象》دا، ئېكراندىن ئايرىلغىلى ئىككى يىل بولغان ئېۋا ئاخىرى كۆرۈندى.

بۇ كىلاسسىك چۆچەكتە، ئۇ سېرك ئارتىسىنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئېۋا بىر لوڭقىغا مەسئۇل بولغان، مۇھىمى بۇ لوڭقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى.

نېمىشقا ئېۋا رول ئالغان فىلىملەرنى كىشىلەر شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟ چۈنكى ئۇ دائىم كۆرۈنۈشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقالايدۇ.

ئېۋانىڭ گۈزەللىكىنى تېخى ھېس قىلالمىدىڭىزمۇ؟ «جىنايەتكە تولغان شەھەر 2» (罪恶之城2) دىكى يالقۇنلۇق قىزىل لەۋلەر ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟

قېنىق گىرىمىنى يۇيىۋەتكەن ئېۋا يەنىلا ئىنتايىن گۈزەل.

ئۇنىڭ قاش-كىرپىكى، ۋە گۈزەل بەدىنى....

تەقى-تۇرقى قاملاشقان، جەزبدار ئايال ئارتىسلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشاشلىرى كۆپ ئەمەس.

گىرېن جەمەتىدىن كېلىپ چىققان ئېۋا ياۋروپا ئاقسۆڭىكى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق جەمەت رىشتىسى ئاستىدا، ئۇ پارىژدا تۇغۇلۇپ، لوندوندا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئالجىرىيە، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق بەش دۆلەت قان سىستېمىسىغا ئىگە. مۇرەككەپلىك ۋە كۆپ خىللىق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئېۋانىڭ ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان لاتاپىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلغان.

كىچىك ۋاقتىدىكى بىر پەرىزات قىزچاق،

چوڭ بولغاندىن كېيىن، تەنناز ساھىبجامالغا ئايلانغان.

ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر ئاز رەزىللىك، قاراڭغۇلۇق، سوغۇقلۇق ۋە يەنە سىرلىق گۈزەللىك چىقىپ تۇرىدۇ.

ئېۋا كىچىكىدىن باشلاپلا بىرەيلەننىڭ باشقۇرۇشىنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتى. 15 يېشىدىلا چېچىنى قارا رەڭدە بويىۋەتكەن بولۇپ، قېنىق گىرىم قىلىپ، مەكتەپ ئىچىدە ھېچكىمگە ئارىلاشماي يۈرەتتى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا: «ئەزەلدىن تولىمۇ سوغۇق مىجەزلىك ئۇ پەقەتلا باشقىلارنى ياقتۇرمايتتى».

ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىلا ياشىغۇسى بار بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئۆزى ئۈچۈنلا سەرپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

2002-يىلى، ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ئېۋاغا تەقدىر بىر چوڭ سوۋغا بەردى. يەنى، ئىتالىيەلىك داڭلىق رېژىسسور بېتولۇچ گۈزەل ئېۋانى كىنو ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى، شۇنداقلا يەنە ئېۋانى «گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق» دەپ ماختىدى. ئەلۋەتتە، بۇ سوۋغاتمۇ بىكارلا ئاسماندىن چۈشۈپ قالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ بەدىلى يالىڭاچ بولۇش ئىدى.

شۇ چاغدا ئېۋانىڭ ئاتا-ئانىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزىنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارشى تۇرغان. چۈنكى ئەگەردە راستلا شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئېۋاغا بولغان نەزىرىگە ئەيىبلەش يوشۇرۇنغان بولاتتى.

ئەمما ئۇلار ھەرقانچە نەسىھەت قىلسىمۇ، ئېۋا بۇ گەپلەرنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى ۋە بۇنىڭ بىلەن كىنو تارىخىدىكى كىلاسسىك ئەسەر-«تىياتىر چۈشى پارىژ» (戏梦巴黎) نى بارلىققا كەلتۈردى.

كىشىلەر ياشلىق قىزغىنلىقى ۋە تەلۋىلىكىنى ئىپادىلەشتە، پەقەت ئېۋانىڭلا ئەڭ جانلىق رول ئالالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ فىلىمدە گەرچە تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىپ، ۋە بەتقىلىقلارنى قىلىپ «ناچار قىزلار»نىڭ ئوبرازىنى كامالەتكە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمىدى.

بۇ كىنودىكى يالىڭاچ كۆرۈنۈشلەر سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا ئەينى يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۆكرەك» دېگەن باھا بېرىلدى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساركوزى ئىلگىرى ئېۋانىڭ گۈزەللىكىگە مەستانە بولغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشكۈسى بارلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن. ئەمما ئېۋا بىر قاراپلا: «مەن بىرىنچى خانىم بولۇشقا قىزىقمايمەن» دېگەن.

ئۇزاق ئۆتمەي 007 فىلىم گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشتى. 23-بۆلۈم «007: دۇنيا ئۇرۇشى خان جەمەتى قىمارخانىسى» (007:大战皇家赌场) نىدىكى رولغا چىقىشقا ھەممەيلەن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ماس كېلىدىغان بىرەيلەن يوق دېگەن بولسىمۇ. لېكىن ئېۋا سېنارىيەگىمۇ قاراپ قويماي، ھەتتا رېژىسسورنى ئىشىك سىرتىدىلا توسۇپ قويدى-دە: «خان ئاچاڭ بۇ فىلىمىڭدە رول ئالمايدۇ!» دېدى.

گەرچە ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى شۇنچىلىك قوپال بولسىمۇ، لېكىن كىنو سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىنمۇ، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى يەنىلا ئېۋانىڭ ماقۇل بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى ۋە ئاخىرى سەۋرچانلىقىنىڭ ئەجىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشتى.

شۇنداق قىلىپ ئەڭ كىلاسسىك «بوند قىزى» (يەنى 007 فىلىملىرىدىكى ھەر قايسى جامېس بوندلار بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە چېگىش ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى كۆرسىتىدۇ)

ئوبرازى بارلىققا كەلدى. فىلىمدىكى ئۇ چىرايلىق، زېرەك، شۇنداقلا جامېس بوند ئەڭ بەك سۆيىدىغان ئايال بولۇپ، ئىلگىرىكى «بوند قىزلىرى»ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئېۋا مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. تۇغما كۆپكۆك كۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇ پىتنە-ئىغۋالاردىن قورقماي، ئۆز گۈزەللىكىنى ھەر ۋاقىت دادىل نامايان قىلىدۇ.

ئېۋا ھەمىشە ھېسسىيات تۈسىنى ئالغان فىلىملەردە رول ئالغان بولۇپ، ئىلگىرى بەزىلەر ئۇنىڭدىن: «نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ فىلىملىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسىدە كارىۋاتتىكى ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئېۋا «مەنمۇ بەزىدە ئۆزۈمنى سېرىق فىلىمدىكى ئايال چولپانغا ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. بىراق، جىنسىيەت تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى، شۇڭا مېنىڭچە ئۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىش. بەدەننى قانداق ئىدارە قىلىش ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، ئۇ باشقىلارنىڭ باھا بېرىشىگە موھتاج ئەمەس» دېگەن.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ كىنو ساھەسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، شۇنچىلىك بىمالال ھالدا ئىشلىدى. ھوللىۋود ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۇنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق فىلىم ئىشلەشنى ئۆتۈندى ھەتتا ئۇنى ئومۇمىي خەلقنىڭ گىگانت چولپىنى قىلىپ چىقىشقا ۋەدە قىلدى.

ئەمما ئېۋا بۇنىڭغا قەتئىي پەرۋا قىلمىدى. ئۇنىڭ رول تاللىشىمۇ شۇنچىلىك غەلىتە بولۇپ، ياۋايى، چەتتە قالغان شەخسلەرگە ئامراق ئىدى. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتەن رەزىل ئادەمنىڭ رولىنى تاللاشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ھەر بىر كەيپىياتىڭىزنى ئاسانلا ئىپادىلەپ، بەكلا ھاياجانلانغىلى بولىدۇ».

ئېۋاغا نىسبەتەن، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «بەكلا گۈزەل ئىكەنسىز» دېيىشىدىن ئەڭ بىزار بولۇپ، تۇرمۇشتا ئۇ ئاساسەن گىرىم قىلمايدۇ، كۈن بويى قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ سىرتقا چىقىدۇ. ئەزەلدىن يىغىلىشقا بارمايدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى بولمىسىلا، ئاسانلىقچە زىيارەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى، يېشى 40 قا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئاشكارا مۇھەببەتلىشىپ باقمىدى ھەم پارچە-پۇرات خەۋەرلىرى تارقىلىپ باقمىدى.

كىشىلىك ھايات توغرىسىدا، ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆلچىمى بار. كۈندىلىك ۋەزىپىنى سۈرەتكە ئېلىپ بولۇپلا ئۆيگە قايتىپ، بىر قولىدا قىزىل ھاراق، بىر قولىدا كىتاب تۇتقىنىچە ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇ پىيانىنو چېلىشنى ۋە نەي چېلىشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە «تىياتىر چۈشى پارىژ» ناملىق فىلىم ئۈچۈن ئىككى مۇزىكا ئىشلىگەنلىكىنى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا بىلىدۇ.

ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خاتىمىسىگە بولغان پىلانىمۇ ئۆزگىچە :«ئەڭ ئاخىرىدا بەلكىم نورۋېگىيەدە قېرىپ كېتىشىم مۇمكىن، يەنە قاقلاپ پىشۇرۇلغان تورت دۇكىنى ئېچىشىم مۇمكىن» دەيدۇ ئۇ.


分享到: