新闻详情

مۇبارەك بولسۇن ! دىلرابا كورېيە كىنو بايرىمىنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-10-26 21:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

10-ئاينىڭ 25-كۈنى مەلۇم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى توردا پۇسان كىنو بايرىمىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش سىن كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، دىلرابا پۇسان كىنو بايرىمىدا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتى تۈرىدە ئىسمى ئاتالغان.(دىلرابا مۇبارەك بولسۇن!) بۇ مۇكاپات دىلرابانىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى زور دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن دىلرابا نەق مەيدانغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان، شۇڭا ئۇ توردا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسراتى ھەمدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلرابا سىن كۆرۈنۈشىدە مۇنداق دېگەن: «ياخشىمۇسىلەر، مەن دىلرابا بولىمەن. مەن ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن، مېنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان مەستانىلەر ۋە كۆرۈرمەن دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەرنىڭ (زاماندىن ھالقىغان رىشتە 2) نى ياقتۇرغانلىقىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، تىياتىر گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن داۋاملىق تىرىشىپ كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىمەن.»


دىلرابا پۈتۈن جەرياندا ئىنگلىز تىلىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلچە قورۇنمىدى، ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى ئەسلىدىنلا مۇلايىم، يېقىملىق بولۇپ تورداشلار بىردەك: «دىلرابا ئىنگلىزتىلىنى ئۆلچەملىك، راۋان سۆزلەيدىكەن» دېيىشتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاراتقۇلار دىلرابانىڭ پۇسان كىنو بايرىمىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يۇلتۇز مۇكاپاتى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپات نامزاتلىرى قاتارىغا كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، دىلرابانىڭ باشقا رىقابەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەسىلەن، كىم خيوسو (Kim Hye Soo) كورېيەدىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئارتىس، ئۇنىڭ بۇ قېتىم نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن «سىرتلان» (鬣狗) ناملىق تىياتىردا يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ دەۋادا يېڭىش ئۈچۈن قىلغان ھەر خىل ھاياتلىق ئۇرۇشى بايان قىلىنغان. كىم خېئائىنىڭ (Kim Hee Ae) بۇ قېتىم تاللانغان «ئەر-ئايالنىڭ دۇنياسى» (夫妻的世界) ناملىق تىياتىرى ئەنگىلىيە تىياتىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، تىياتىردا ئېرى تالاغا قاراپ قالغان بىر ئايالىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

ياپونىيەلىك ئايال ئارتىس خارۇ كۇروكى (Haru Kuroki) نىڭ «يېڭىچە تۇرمۇش» (凪的新生活) ناملىق تىياتىرىدا 28 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ياخشىچاق ئوبرازىدىن قۇتۇلۇپ، تىرىشىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 2019-يىلى دوۋبەن تورىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇر قويۇلغان ياپونىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە دىلرابانىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگىنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن دىلرابانىڭ بۇ قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ھەمدە ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئەمەلىي نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

دىلرابا بۇ قېتىم «زاماندىن ھالقىغان رىشتە 2» (三生三世枕上书) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قالتىس ئورۇنداش ماھارىتى سەۋەبلىك بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چىڭچيۇ پادىشاھى بەي فېڭجيۇ بىلەن پادىشاھ دۇڭخۇا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ماجىراسى بايان قىلىنغان بولۇپ، تاماشىبىنلار بىر قەدەر ياخشى كۆرىدىغان فانتازىيىلىك مۇھەببەت تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلرابانىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسى قوشۇلۇپ، بۇ تىياتىر قويۇلۇشى بىلەنلا يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتى ياراتتى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىدىن باشقا، يېقىندا دىلرابا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىدا يېڭى تىياتىرى «سەن مېنىڭ شان-شەرىپىم» (你是我的荣耀) نىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى، «سەن مېنىڭ شان-شەرىپىم» گۇمەننىڭ شۇ ناملىق رومانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. بۇنىڭدىن كېيىن دىلرابانىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ چوقۇم كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ يېڭى تىياتىرىمۇ يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتى يارىتىدۇ.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە بولغان ئەڭ چوڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كىنو مەستانىلىرى ۋە سەنئەت ساھەسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت يولى چوقۇم بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى، ئۇنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنىڭ تېزراق قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دىلرابا ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى يۇلتۇز مۇكاپاتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن!


分享到: