新闻详情

ئەڭ گۈزەل بۇ نەمۇنچىلاردىن ئۆگىنەيلى!

发表时间:2020-10-26 21:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

يېقىندا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى جۇ تىڭ قاتارلىق ئون مۇنەۋۋەر ئايالغا مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

ئۇلار:

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «دۇنيادىكى بىرىنچى ئاساسلىق ھۇجۇمچى» دەپ نام ئالغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى، ئەترەت باشلىقى جۇ تىڭ؛

قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقنى تولدۇرغان باش مۇتەخەسسىس خې يۈەنجى؛

ئىرادىسىدىن يانمايدىغان، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە سادىقلىق بىلەن دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن شەھىرى لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسى يۈمەي كەنتىدىكى دېھقان ئاچا-سىڭىل جوگا ۋە ياڭزۇڭ؛

تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېرى بىلەن يالغۇز ئارالنى ئورتاق قوغدىغان جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرى گۇەنيۈن ناھىيەسى كەيشەن ئارىلىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسىنىڭ پەخرىي باشلىقى ۋاڭ شىخۇا؛

دۆلەت دەرىجىلىك نامرات كەنتنى باشلاپ نامراتلىقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، تەبئىي مەنزىرىنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرغان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى شۇاڭياشەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، راۋخې ناھىيەسىنىڭ شياۋنەنخې كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لىڭ جۈجېن؛

دېڭىز ئىشلىرى خەۋپ ـ خەتەر ۋە ئالدىنى ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 1 ـ سېپىدە 18 يىل چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ئىشلىرى ساھەسىدىكى «ئايال ھولمېس» دەپ تەرىپلەنگەن دېڭىز بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى پۇدۇڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى خەۋىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن ۋېي؛

40 نەچچە يىلدىن بۇيان باشتىن ـ ئاخىر ئامما بىلەن سىرداش بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ بەش قوشۇمچە يۈكنى زىممىسىگە ئالغان سەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى دەيشيەن ناھىيەسى گۇكۇ يېزىسى دۈەنجياۋەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ گۇيجېن؛

ئۆز رازىلىقى بىلەن تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دەرس مۇنبىرىنى چىڭ ساقلىغان، بالىلار «جى ئاچا»دىن «جى موما» دەپ چاقىرغۇچە 40 يىل مائارىپ ئۈچۈن تەر تۆككەن، جياڭشى ئۆلكىسى يىچۈن شەھىرى فېڭشىن ناھىيەسى ۋېنشيا بازىرىدىكى ئوقۇتقۇچى جى يۆيىڭ؛

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ساھەسىدىكى تېخنىكا يېتەكچىسى، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ «ئەگىشىپ يۈگۈرۈش»تىن «باشلامچى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشقان جۇڭگو ئاپتوموبىلچىلىقى چىڭداۋ سىفاڭ ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش ئىنژېنېرى لياڭ جيەنيىڭ؛

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالاشتا ئۆزگىچە ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان چۇڭچىڭ دازۇ تاش ئويما تەتقىقات يۇرتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن خۇيلى.

شۇ كۈنى يەنە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى سۈن جىمېي قاتارلىق 300 كىشىگە مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى، بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق 200 ئورۇنغا مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە كوللېكتىپلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش روھى، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى، تىرىشىپ ئىشلەش ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كەڭ ئاياللارنى تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە كوللېكتىپنى ئۈلگە قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسگە ئېلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.


分享到: