新闻详情

بوللىۋود قەھرىمانلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ئاياللىرى

发表时间:2020-10-26 21:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

كاجول (KAJOL)

داڭلىق ئايال ئارتىس كاجول دېۋگان كەسپىي ھاياتىدا كۆپلىگەن ئالقىشلىق كىنولاردا رول ئالغان. ئۇ بوللىۋود ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال ئارتىس. ئۇ بوللىۋودنىڭ ھەرىكەتلىك كىنو چولپىنى ئاجەي دېۋگان (Ajay Devgan) غا ياتلىق بولغان. كاجول بىلەن ئاجەي تۇنجى قېتىم «مۈشكۈل مۇھەببەت» (Hulchul) ناملىق كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا ئۇچراشقان ھەمدە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئۇلار تۆت يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان.

گورى خان (GAURI KHAN)

گورى خان بوللىۋود پادىشاھى شاھرۇھ خانغا ياتلىق بولغان. ئۇ بىر گۈزەل ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئايال. ئۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇپ ئىزچىل شاھرۇھ خان بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان. ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا گورى خان بىر كەسپىي ئۆي ئىچى لايىھىلىگۈچى.

تاخىرا كاشياپ (TAHIRA KASHYAP)

تاخىرا كاشياپ تۇرمۇشىدا كۆپلىگەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئىلگىرى ئۇنىڭغا سۈت بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، لېكىن كېيىن بەختكە يارىشا ساقىيىپ كەتكەن. ئېرى ئايۇشمان كۇررانا (Ayushmann Khurrana) ئۇ قېيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندە ئۇنى قوللاپ، ئىزچىل ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلغان. تاخىرا بىلەن ئايۇشمان ئىككى ئوماق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى.

تۋىنكل كاننا (TWINKLE KHANNA)

تۋىنكل كاننا بوللىۋودنىڭ گىگانىت چولپىنى راجېش كاننانىڭ قىزى. ئۇ ئاكشاي كۇمار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن بوللىۋودتىن ئايرىلغان. ئۇ يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ بىر قىسىم ئالقىشلىق رومانلارنى يازغان. ئۇمۇ بىر ئۆي ئىچى لايىھىلىگۈچى.

كارېننا كاپور خان (KAREENA KAPOOR KHAN)

كارېننا كاپور خان 2012-يىلى بوللىۋودتىكى ھەقىقى خانزادە سەيىف ئەلى خان توي قىلغان. سەيىف ئەلى خان بەك تەلەيلىك، ئۇنىڭ كارېننادەك چىرايلىق ئايالى بار. ئىككىيلەن تايمۇر ئىسىملىك ئوغلى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇلار ناھايىتى تېزلا يەنە بىر بالىلىق بولىدۇ.

كىرەن راۋ (KIRAN RAO)

كىرەن راۋ ئامىر خاننىڭ ئىككىنچى ئايالى. ئۇ بىر ئەقىللىق ساھىبجامال. ئۇ ئامىر خاننىڭ مۇكەممەل ئايالى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مۇنەۋۋەر سېنارىست، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى. ئۇ 2011-يىلى تۇنجى قېتىم «بومباي خاتىرىسى» (Mumbai Diaries) ناملىق كىنوغا رېژىسسورلۇق قىلغان. ئۇلارنىڭ ئازاد راۋ خان (Azad Rao Khan) ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.

مىرا راجپۇت (MIRA RAJPUT)

مىرا راجىپۇت ئادەتتىكى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ شۇنداق ساددا. ئۇنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى شاخىد كاپور (Shahid Kapoor) نى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. ئۇلار 2015-يىلى توي قىلغان بولۇپ، ئۇلار توي قىلغاندا مىرا راجىپۇت 20 ياشتا ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان.

دېپىكا پادۇكون (DEEPIKA PADUKONE)

بوللىۋود ئايال پادىشاھى دېپىكا پادۇكون بەكلا گۈزەل. ئۇ بوللىۋودتىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك پەي توپ تەنھەرىكەتچىسى بولغان، ئەمما ئۇ مودا مودېل بولۇش ئۈچۈن پەي توپ ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان. دېپىكا 2018-يىلى رانۋىر سىڭ بىلەن توي قىلغان.

پرىيا رۇنچال (PRIYA RUNCHAL)

جون ئابراھام (John Abraham) بوللىۋود كىنولىرىدىكى ئەڭ باتۇر قەھرىمانلارنىڭ بىرى. جون تۇنجى قېتىم پرىيانى چېنىقىش ئۆيىدە ئۇچراتقان. ئۇلار سەككىز يىل ئارىلاشقان ھەمدە 2014-يىلى توي قىلغان. پرىيا ئۆزىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن يىراق تۇتقان. ئۇلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مۇكەممەل بىر جۈپلەر.

پەرۋىن ساخانى (PARVEEN SHAHANI)

پەرۋىن ساخانى ئىمران ھاشىمى (Emran Hashmi) نىڭ گۈزەل ئايالى. ئۇ ئىزچىل ئىمراننىڭ كەسپىي ئىشلىرىنى قوللاپ جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئايان ھاشىمى (Ayaan Hashmi) ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.


分享到: