新闻详情

بەدىنىڭىزدىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

发表时间:2020-10-26 21:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈنتورى

سىز ئۆز بەدىنىڭىزنى چۈشىنىمەن دەپ قارامسىز؟ لېكىن سىز بەدىنىڭىزنى تولۇق چۈشەنمەيسىز، ئشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ، تۆۋەندىكى بىلىملەردىن قانچىلىكنى بىلىسىز؟

1. دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ تىل سىزىقچىسى ئۆزىگىلا خاس بولىدۇ.

2. بىر تال چاچ بىلەن بىر تال ئالمىنى ئېسىپ قويغىلى بولىدۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلار ئالمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى دېمىگەن.

3. ئادەمنىڭ ئېغىزىنىڭ ئىچىدىكى مىكروبنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ.

4. تىرناق يۇمشاپ ئاجىزلاپ كەتسە، يەنە كېلىپ يايسىمان تەرىپى تازا ئېنىق بولمىسا، قالقان بەزنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

5. چوڭ مېڭە ئىمپۇلىسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ھەر سائىتىگە 400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

6. قان تىپى تۆت تۈرلۈك ئەمەس، 29 تۈرلۈك! ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز كۆرۈلىدىغان تىپ بومباي ئىككىلەمچى تىپى.

7. بىزنىڭ قېنىمىز بىر كۈندە 19312 كىلومېتىر ئارلىقتا ئېقىپ يۈرۈيدۇ.

8. بەدەندىكى نېرۋىلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 75 كىلومېتىر.

9. ئادەم بىر كۈندە 20000 قېتىم ئەتراپىدا نەپەسلىنىدۇ.

10. دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ كىرپىكىدە دېگۈدەك ئالاھىدە بىر خىل كانا بولىدۇ: دېمودېكس كانىسى.

11. ئادەمنىڭ كۆزى 10 مىليون خىل ئوخشىمىغان رەڭلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، لېكىن چوڭ مېڭە ھەممىنى ئېسىدە تۇتۇپ بولالمايدۇ.

12. قۇلاق توختىماي ئۆسۈپ تۇرىدۇ، سۈرئىتى ھەر يىلى 25 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.

13. يۈرەك ھەر يىلى 35 مىليون قېتىم سوقىدۇ.

14. ئادەم بەدىنى ھەر يىلى بىر مىليون تېرە ھۈجەيرىسى يوقىتىدۇ، ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگىرام ئەتراپىدا.

15. بىر كىۋادىرات سانتىمېتىر كېلىدىغان تېرىدە تەخمىنەن 100 تال سەزگۈ نېرۋون بولىدۇ.

16. ئەرلەرنىڭ تىلىنىڭ سىرىتقى يۈزى ئاياللارنىڭكىدىن كىچىك، شۇڭا تەم سەزگۈسىمۇ ناچارراق بولىدۇ.

17. ئادەتتە بىر ئادەم ھاياتىدا 35 توننا ئاشلىق ئىستىمال قىلىدۇ.

18. ئىنسان ھاياتىدا تەخمىنەن بەش يىل ۋاقىتنى كۆزنى چىمچىقلىتىشقا ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلالايمىز.

19. چوڭ مېڭىدە ھەر سېكۇنتتا 100000 قېتىم خېمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ.

20. چۈشكۈرگەندىكى چۈشكۈرۈكنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 160 كىلومېتىر توغرا كېلىدۇ.

21. كۈلۈمسىرگەندە 17 يۈز مۇسكۇلى ھەرىكەتلىنىدۇ، يىغلىغاندا 43 يۈز مۇسكۇلى ھەرىكەتلىنىدۇ.


分享到: