新闻详情

40 ياشتىن ئاشقانلار راك كېسلى بولماي دېسىڭىز مۇنداق قىلىڭ

发表时间:2020-10-26 21:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر راك كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ، ئۇنداقتا راكتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ھەممىمىزگە ئايان، مەملىكىتىمىزدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى ئۈچ مىليون 929 مىڭ يېڭى راك بىمارلىرى كۆپىيىدىغان بولۇپ، 228 مىڭ ئادەم راك كېسىلىدە قازا قىلىدىكەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھەر مىنۇتتا 7.5 ئادەمگە راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدىكەن.

ئېرسىيەت راكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ؟

ئېنىقكى ئۇنداق ئەمەس. راك ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ، 40 ياشتىن تۆۋەنلەردە ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ئانچە تەسىر قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما 40 ياشتىن ئاشقاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېز ئېشىپ، 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغاندا يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

ئەگەر سىز راك كېسىلىدىن يىراق تۇرۇشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلاپلا ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشىڭىز كېرەك. بۈگۈن بىز بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز.

بىرىنچى، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، ئىسلانغان، تۇزلانغان ۋە قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، ناشتىدىن ۋاز كەچمەسلىك، ھەر كۈنى يېرىم كېچىلەردە تاماق يېمەسلىك، شۇنداقلا ئۈچ ۋاق تاماقنى بەك تويغۇچە يېۋەتمەسلىك، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇش، شۇندىلا راكتىن تېخىمۇ يىراق تۇرغىلى بولىدۇ.

رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىزنى كونترول قىلالمايدۇ، ئۇلار ئاشقازان راكى، ئۈچەي راكى، جىگەر راكى ۋە باشقا ئاشقازان-ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئىككىنچىدىن، كۆپرەك چېنىقىش. ھاياتلىق چېنىقىشتىن كېلىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تېخىمۇ ياخشى بولۇش ئۈچۈن، چېنىقىش ئىنتايىن مۇھىم، چېنىقىشمۇ سېمىزلىكنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 20 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى %40 ئاشقان، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى توققۇز ھەسسە ئاشقان، سېمىزلىك راكنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

ئۈچىنچىسى، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇش. تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ۋە يانفون بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى كەچتە كېچىكىپ ئۇخلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت كېچىسى ئۇخلىماسلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاسانلا تۆۋەنلىتىپ كىشىلەرنى راك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار قىلىدۇ. بالدۇر ئۇخلاش ۋە بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش راك كېسىلىگە گىرىپدار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

تۆتىنچى، سۇنى كۆپ ئىچىش. ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە سەككىز ئىستاكان سۇغا موھتاج. سۇنى كۆپ ئىچىش مېتابولىزم ئەخلەتلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راكتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

بەشىنچى، تاماكا تاشلاش ۋە ھاراق ئىچمەسلىك. نۇرغۇن كىشىلەر تاماكا چېكىشنى ۋە ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ئادەتلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ راكنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر راكتىن يىراق تۇرۇشنى ئويلىسىڭىز، تاماكا، ھاراقنىمۇ تاشلىشىڭىز كېرەك.


分享到: