新闻详情

بارسېلونا 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى

发表时间:2020-10-26 21:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ئالدىنقى مەيدان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 3:1 نەتىجىدە خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېڭى پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ھازىرغىچە ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىسى بىلەن يەتتە جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپتە 12-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى (ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى كېچىكتۈرۈلگەن).

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بارسېلونانىڭ 1994/1995 مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار باشلىنىشنى كۈتۈۋېلىشى بولۇپ قالغان.

كرۇيىف باشچىلىقىدىكى بارسېلونا چۈش 1-كوماندىسى 1994-يىلىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0:4 نەتىجىدە AC مىلاننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 1995/1996 مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا ئوخشاشلا ئانچە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. يەنى ئالدىنقى بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، جەمئىي بەش جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن (ئەينى ۋاقىتتا بىر مەيدان غەلىبە قىلسا ئىككى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەتتى)، شۇنداقلا ھازىرقى ترېنېر كومان ئەينى ۋاقىتتا دەل بارسېلونا توپچىسى ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا تېخى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىمۇ ئالدىنقى بەش ئايلانما مۇسابىقىدە ئوخشاشلا يەتتە جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكەن.


分享到: