新闻详情

«قارا قاپلان» چادۋىك بوسمەننىڭ مال-مۈلكى ئاشكارىلاندى

发表时间:2020-10-26 21:40作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

مارۋېل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانى «قارا قاپلان»(黑豹)نىڭ باش رولچىسى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئامېرىكىلىق ئەر ئارتىس چادۋىك بوسمەن بولۇپ ئۇ 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چوڭ ئۈچەي راكى سەۋەبىدىن لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ۋاپات بولدى. چادۋىك بوسمەن تۆت يىل بۇرۇن يەنى 2016-يىلى ئۆزىنىڭ چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن، ئەمما ئۇ «قارا قاپلان»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» ۋە «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، يەنىلا پۈتۈن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغان. شۇڭا تاماشىبىنلار چادۋىك بوسمەن ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن بۇ داڭلىق ئارتىسنىڭ چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ئازراقمۇ بىلمەيتتى. شۇ سەۋەبلىك بۇ داڭلىق ئارتىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى پۈتۈن دۇنيا مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

چادۋېك بوسمەن رول ئالغان «قارا قاپلان» فىلىمى پۈتۈن دۇنيادا بىر مىليارد 346 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىنو بېلەت كىرىمى يارىتىپ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ ئىنى-سىڭىللىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى تىياتىردىكى رولۇمدا ئۆزۈمنى ئىرقى كەمسىتىشكە ئۇچرىدىم دەپ گۇمان قىلغان، نەتىجىدە ئىككىنچى كۈنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلدىم».

ئەمما، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالماي، ئەكسىچە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سەنئەت ئويۇنىغا كىرىشىپ كەتكەن، «قارا قاپلان» فىلىمىنىڭ ئالدىدا، چادۋېك بوسمەن تەرجىمىھال فىلىم «رىۋايەتلىك 42-نومۇر» (传奇42号)دىكى ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسىنىڭ رىۋايەتلىك ۋاسكېتبول چولپىنى جاك روبىنسون(Jack Roosevelt Robinson)نىڭ رولىنى ئالغان، «قەلبنى يورۇتۇش»(激乐人心) فىلىمىدە جامىس بروننىڭ رولىنى ئېلىپ نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

چادۋېك بوسمەن كېسەل بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن، ئايالى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مىراس تالىشىش ئەرزى سۇنغانلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن تالاش-تارتىش دېلوسىدىكى ئارخىپتا چادۋېك بوسمەننىڭ مال-مۈلۈك سانلىق مەلۇماتى ئاشكارلانغان. كىشىلەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ھوللىۋودتا ئۇزۇن يىل رول ئالغان چادۋېك بوسمەننىڭ مال–مۈلۈك سوممىسى 938 مىڭ 500 دوللار بولۇپ، بىر مىليون دوللارغىمۇ يەتمىگەن، نۇرغۇن ئارتىسلار ئىشلىگەن بىر كىنونىڭ ھەققى بۇ سانلىق مەلۇماتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا چادۋېك بوسمەننىڭ مۈلۈك سانلىق مەلۇماتىنى ھازىرقى ئامېرىكا ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

كىشىلەر چادۋېك بوسمەننىڭ ھايات چاغلىرىدا كۆپ قېتىم كېسەل بالىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى بىر مەزگىلدە چادۋېك بوسمەن ئەر بىلەن ئايال ئارتىسنىڭ ئوخشاش ھەق ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش فىلىمدە رول ئالغان ئايال ئارتىسقا ئۆزىنىڭ فىلىمىدىكى ھەققىدىن ئازراقنى بۆلۈپ بەرگەن، ئايال ئارتىس سىئېنا مىللېر(Sienna Miller)نىڭ ئاشكارىلىشىچە، چادۋىك بوسمەن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئايال سەنئەتكارلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن، كىشىلەر چادۋېك بوسمەننىڭ نام-مەنپەئەتكە ئىنتىلمەي، يەنە باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان داڭلىق ئارتىسلىق روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدى.


分享到: