新闻详情

چوڭ تەرەتتە بۇ تۆت ئالاھىدىلىك كۆرۈلسە، ھەرگىز سەل قارىماڭ

发表时间:2020-10-26 21:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

نۇرغۇن كىشىلەر تەكشۈرتكەندە راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇلار ھەمىشە دوختۇردىن نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
دەسلىپىدە بىئارامسىزلىق كۆرۈلگەندە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، كەينىگە سۆرەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن قورقۇپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپ ھاللاردا كېچىككەن بولىدۇ.
دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئاسانلا سەل قاراپ قالىمىز، مەسىلەن، بۈگۈن بىز تىلغا ئالماقچى بولغان چوڭ تەرەت مەسلىسى، نۇرغۇنلىغان راك كېسىلى بىمارلىرىدا بۇرۇنلا چوڭ تەرىتىدە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، ئەمما ئۇلار باشتىن ئاخىر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ، نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، راك كېسىلى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا يۆتكىلىش يۈز بېرىدۇ.
بىرىنچى، چوڭ تەرەت قان ئارىلىشىپ كېلىش، دەسلەپتە باشلانغان چاغدا، قان ئارىلاش تەرەت كېلىش بەك ئېغىر بولماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا تەرەتتىن كېيىن ئازراق قان تامچىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا گېموروي دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قان ئارىلاش تەرەت كېلىش بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر
گېموروي بولۇپ قالدىم دەپ كېسىلىنى داۋالىتىدۇ، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى قىلچىمۇ ياخشىلانمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن كېسىلىنىڭ ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ، كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كەلسىلا گېموروي بولۇشى ناتايىن، كۆپىنچە چاغلاردا، تۈز ئۈچەي راكى بولۇپ قالغان بولىدۇ.

ئىككىنچى، چوڭ تەرەتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ قېلىش، نورمال كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرىتى تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ، تۇيۇقسىز تەرەت ئىنچىكىلەپ كەتسە، دەسلەپتە ئارىلاپ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، بەزىدە چوڭ تەرەت ئىنچىكە بولىدۇ، بەزىدە سەل ياخشى بولۇپ قالىدۇ، بىز بۇ خىل ئەھۋالغا ئەڭ ئاسان سەل قاراپ قالىمىز، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانچە ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۆسمىنىڭ ئۈچەينى ئېغىر دەرىجىدە تارلاشتۇرىۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر ئۆسمە ئۈچەينى پۈتۈنلەي توسىۋالغان بولسا، يەنە تەرەت چىقىرىش، يەل چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
ئۈچىنچى، تەرەت قىلىش ئادىتى ئۆزگىرىش، نورمال كىشىلەرنىڭ تەرەت قىلىش ئادىتى قانۇنىيەتلىك بولىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە كۈندە بىر قېتىم، ھەم كۆپىنچە ئەتىگەندە كېلىدۇ. تۇيۇقسىز تەرەت قىلىش ئادىتى ئۆزگىرىپ، تەرەت قىلىش ئادىتى قانۇنىيەتسىز بولۇپ قالسا، چوڭ ئۈچەي راكىدىن پەخەس بولۇش كېرەك.
تۆتىنچى، قەۋزىيەت بىلەن ئىچى سۈرۈش ئالمىشىپ كېلىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرىتى بىنورمال بولۇپ، قانداق كېسەللىكىنى تاپقىلى بولمايدۇ، بەزىدە قەۋزىيەت بولۇپ، نەچچە كۈنگىچە بىرەر قېتىممۇ چوڭ تەرەت قىلالمايدۇ، بەزىدە ئىچى سۈرۈپ، بىر كۈندە نەچچە قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ، بۇنداق قەۋزىيەت بىلەن ئىچى سۈرۈش ئالمىشىپ كەلسىمۇ، چوڭ ئۈچەي راكىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك.
چوڭ تەرەتنىڭ بىنورمال بولۇپ قېلىشىغا سەل قارىماڭ، ھەر كۈنى تەرەت قىلىپ بولۇپلا ئالدىراپ كېتىپ قالماي، تەرەت تۇڭىنى كۆزىتىپ بېقىڭ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىزدە سان بولىدۇ، چوڭ تەرىتى بىنورمال كىشىلەر كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىك بولسىمۇ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ باققىنى ياخشى.


分享到: