新闻详情

رونالدو مۇسابىقىدىن بىر كۈن بۇرۇن ساقايسىلا، مەيدانغا چۈشەلەيدۇ

发表时间:2020-10-26 21:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

2020102612122591440.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى «ئاسمان تەنتەربىيەسى» تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئاللىقاچان ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ماترىيال يوللاپ بولغان بولۇپ، ئەگەر كرىستىيانو رونالدونىڭ بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدىن 24 سائەت بۇرۇنقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسىلا، ئۇنداقتا ئۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىكەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ قېتىم مەستانىلەر كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ رىقابىتىنى كۆرەلەمدۇ؟ بەلكىم مەستانىلەر تولۇپ-تاشقان ئۈمىد بىلەن پۈتۈن دىققىتىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاراتقان بولۇشى مۇمكىن.

«ئاسمان تەنتەربىيىسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ماترىيالنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە يوللاپ بولغان بولۇپ، رونالدودا ھېچقانداق يۇقۇم ئالامىتى قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە، رونالدونىڭ نەتىجىسىنىڭ مەنپىيگە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قارىتا ناھايىتى ئۈمىدلىك پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدىن 24 سائەت بۇرۇن، ئەگەر كرىستىيانو رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىيگە ئۆزگەرسىلا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشەلەيدىكەن.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو ئەتە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەن، ناۋادا ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا، ئۇنداقتا سان-ساناقسىز مەستانىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان مېسسى بىلەن رونالدو رىقابىتىنى كۆرۈش ئەمەلگە ئاشىدىكەن، بىزمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىقىپ، ھەممەيلەننى ھاياجانغان سالىدىغان مۇسابىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


分享到: