新闻详情

بىۋاستە كۆرسىتىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

发表时间:2020-10-26 21:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مىنىستىرلىق ئارا بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىگە ئەزا 14 ئورۇن يېقىندا بىرلىكتە «2020-يىللىق تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى (تور شەمشىرى ھەرىكىتى) لايىھەسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (关于印发2020网络市场监管专项行动(网剑行动)方案的通知) (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، 10-ئايدىن 12-ئايغىچە 2020-يىللىق (تور شەمشىرى ھەرىكىتى)نى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە، 2020 ـ يىللىق تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى (تور شەمشىرى ھەرىكىتى) يەتتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ:

بىرىنچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى»(电子商务法) قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سۇپا مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قانۇن بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت سۇبيېكتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز سۇبيېكتلارنىڭ ئالاقە تورىدا قوللىنىلىشىنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك.

ئىككىنچى، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تور بازىرىنىڭ رىقابەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» (反垄断法)، «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» (反不正当竞争法)، «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، رىقابەتنى چەتكە قېقىش، چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق تەمىنلىگەن تور مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرگە قارىتا نامۇۋاپىق چەكلىمە قويۇش ياكى نامۇۋاپىق شەرت قويۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، توردا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىشنى مەركەزلىك تۈزەپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك (ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دورا، داۋالاش سايمانلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، بالىلار بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ كىيىم، باش كىيىم، ئۆي جاھازلىرى، ئاپتوموبىل ۋە زاپچاس قاتارلىق ئاممىنىڭ قىزىق نۇقتىسى، ئىجتىمائىي ئىنكاس مەركەزلەشكەن، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، مەركەزلىك تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كۈچەيتىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار قاتتىق جازالىنىدۇ.

تۆتىنچىدىن، ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنىڭ قانۇنسىز سودىسىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى ۋە ئامما ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، ۋىدىيو تور بېكىتى، بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسى قاتارلىق تور ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش، يېيىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى خورلاش ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلمىشلىرىنى ئېلان قىلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە تارقىتىش سالمىقىنى چەكلەپ، توردىكى قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كېرەك.

بەشىنچى، ئالاقە تورى ئېلانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ئېلان بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. جەمئىيەتتە تەسىرى چوڭ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ تور بېكەتلىرى، ئىزدەش موتورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، كۆچمە ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ۋە يېڭى تاراتقۇ ئىسچوتى قاتارلىق ئالاقە تورى ۋاسىتىلىرىدە قانۇنغا خىلاپ ئېلان بېرىش قىلمىشلىرىنى مەركەزلىك تۈزەپ، بىر تۈركۈم چوڭ، مۇھىم دېلولارنى ئاشكارىلاش.

ئالتىنچى، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ياخشى تور بازىرى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. «بىۋاستە كۆرسىتىشتە مال سېتىش» (直播带货) قاتارلىق تور تىجارەت پائالىيىتىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «بىۋاستە كۆرسىتىش» قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش؛ نىمكەش بۇيۇم تور سودا سۇپىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئامما مەبلەغ توپلاش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىش كېرەك.

يەتتىنچى، باشقا تور سودىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.


分享到: