新闻详情

ليۇ خۈەن راك كېسىلىگە بەرداشلىق بەرمەكتە

发表时间:2020-10-26 21:46作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ليۇ خۇەن (刘欢) تىلغا ئېلىنسا كۆپىنچىمىز سۇبويىدا فىلىمىدىكى «ئەزىمەت ناخشىسى» (好汉歌)نى ئەسكە ئالىمىز. گەرچە ليۇ خۇەن 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا نىسبەتەن ناتونۇش بولسىمۇ، ئەمما 2000-يىلىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان كىشىلەردىن ليۇ خۇەننى تونۇمايدىغانلار يوق دىيەرلىك.
ليۇ خۇەن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ناخشىچى بولسىمۇ ئەمما تولىمۇ كەمتەر، شۇڭلاشقىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىسىمنى ئۇنتۇپ قالايلا دەپ قالدى، تۇرمۇشتا ليۇ خۇەن ئىنتايىن چىقىشقاق ئادەم. ئۇ ئەينى يىللاردا «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پىروگراممىسىدا تەكلىپلىك باھالىغۇچى بولغان ھەمدە يۇمۇرىستىك خاراكتىرى تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئادەتتىمۇ ئۆزى يىتەكلىگەن كۇرسانتلىرىغىمۇ دوستانە يۇمۇرىستىك مۇئامىلە قىلىدۇ.

ليۇ خۇەن كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپلا قالماي يەنە تۇرمۇش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن بەختلىك ئىدى. كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدە ليۇ خۇەن ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنىڭ خوتۇنى لۇ لۇغا سەمىمىي سادىق بولۇپ كەلدى. ليۇ خۇەننىڭ ئايالى لۇلۇ خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇپ، بۇ ئىككەيلەن پروگراممىدا تونۇشقان، تونۇشۇپ 10 كۈنگە قالمايلا توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ئوماق قىزى ليۇ لۇلۇ بۈگۈنكى كۈندە 30 ياشقا كىرەي دەپ قالدى، ئەمما ھايات ليۇ خۇەنگە راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشتەك ئېغىر چاقچاقتىن بىرنى قىلدى.

ئەمەلىيەتتە 2009-يىلى ليۇ خۇەننىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ «يوتا باش سۆڭىكىگە قان يېتىشمەسلىك كېسىلى»گە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان، بۇ كىسەل ئۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە مەشىق قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەينى چاغدا ليۇ خۇەن بۇ كېسەلگە ئانچە ئېتىبار بەرمەي يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش خىزمەت قىلغان، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېسىلى قوزغىلىپ كېسەل ئاغرىقى پۈتۈن بەدىننى چىرمىۋالغان.

بەلكىم كۆپچىلىك بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئۆلۈمدىنمۇ ئازابلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ راك كېسىلىدىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئۆلمەس راك» دەپ ئاتالغان، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاشۇ بىر مەزگىل ئازابلىنىدۇ، داۋاسى چىقسا ساقىيىدۇ ياكى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئەمما بۇ كېسەل راك كېسىلىگە ئوخشاش جانغا زامىن بولمايدۇيۇ ئەمما تىرىك ئادەمنى قىينايدۇ ھەمدە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ئوخشىمايدۇ، باشقا كېسەللەر قانچە بالدۇر بايقالسا شۇنچە ياخشى لېكىن بۇ كېسەل قانچە كېيىن بايقالسا شۇنچە ياخشى.

ليۇ خۇەن بۇخىل غەلىتە كېسەل سەۋەبىدىن ئىزچىل قىينالدى، كېسىلى قوزغالغاندا بولسا ھەقىقەتەن بەك ئازابلاندى. 2010- يىلى ليۇ خۇەن ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي بىر قېتىم ئوپېراتسىيەگە قاتناشتى، لېكىن ليۇ خۇەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى، ليۇ خۇەننىڭ يېقىندىن بۇيانقى سۈرىتىدىن قارىغاندا، 55 ياشلىق ليۇ خۈەننىڭ چېچى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئىزچىل ھالدا نورمال پىسخىكىنى ساقلاپ كەسىپ ۋە تۇرمۇشتا ئۈمۈدۋار بولۇپ ئىزچىل ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.

55 ياشقا كىرىپ قالغان ليۇخۇەننىڭ ياخشى كۈتۈنىشىنى بەك چارچاپ كەتمەسلىكىنى، ئايالى ۋە قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.


分享到: