新闻详情

قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تاراتقۇلاردا ئالقىشلاندى

发表时间:2020-10-26 21:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى شىنجاڭ قانىلى

قىسقا باھا: ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، « ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نى رەت قىلىش

20201026


ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدە يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن بىرى بايقالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى تىزگىنلىدى.

تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش، قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش، نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش... شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كۈچلەر يولغا قويغان بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئىنكاسى تېز بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەسلىي مەقسىتىنى دەلىللىدى.

ئىككى قېتىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كۈچلەر تېز ئىنكاس قايتۇرۇش جەھەتتە تەجرىبە توپلاپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆرۈلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىدە تولۇق نامايان قىلدى.

ئەگەر تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى دېسەك، ئۇنداقتا خادىملارنى توغرا تاللاپ تەكشۈرۈش، بىر تۇتاش ئايرىش ئۆلچىمى ئۈنۈملۈك بولدى.

شاللاپ تەكشۈرۈشتە قويۇق ئۇچراشقانلار، قەشقەردىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، تېببىي كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دەل جايىدا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ ھەر دەرىجىلىك كۈچلەرنىڭ زور جامائەت ساغلاملىقى تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. بولۇپمۇ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، « ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ، « ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» باسقۇچىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قوللىنىلغان تۈرلۈك تەدبىرلەردە خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى قوغداشنى كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ 14 ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 13 ـ ئۆكتەبىر كەچتە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 14 ـ ئۆكتەبىر خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش» ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش« خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، » ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش« ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، » بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش« ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە كۈز، قىش پەسلىدە يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىن ۋاقىتتا قەشقەردىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن خادىملار ئوخشىمىغان تۈردىكى ئايرىش تەدبىرىنى قوبۇل قىلغان. قانداق سەۋەب بۇ تەدبىردە ساقلانغان پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ ئەگەر توغرا، ۋاقتىدا جاۋاب بېرىلمىسە ياكى« پىتنە-پاسات» بولۇپ، توردا تارقىلىپ كېتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا كونكرېت ۋاقىت ۋە باسقۇچقىچە دەل جايىدا بولۇش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ئۇنداقتا ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بۇ ئۆلچەم بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، ئاددىي« بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلىنى رەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

640-42.png

来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦提江

640-529.jpeg

www.alkuyi.com


分享到: