新闻详情

خەلق تورى: خوتەن ۋىلايىتىدە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپلىك داۋاملاشماقتا

发表时间:2020-10-26 22:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى


خەلق تورى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 10-ئاينىڭ 25-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش؛ كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.


10ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، خەلق تورى مۇخبىرى خوتەن شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى كوچىدا كىشىلەرنىڭ نورمال ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى، سودا-ساراي ، كوچا بويىدىكى دۇكان، كۆكتات بازىرى قاتارلىق جايلارنىڭ نورمال تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماسكا تاقىۋېلىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن كىرىپ، تەرتىپلىك كېتىۋاتقانلىقىنى، تاكسى، شەخسىي ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت قاتارلىقلارنىڭ يولدا نورمال قاتناۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بىر يولۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق ھالەتكە كىردى، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاپ، ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى قوغداش كېرەك. » دېدى.


قەشقەردە تۇيۇقسىز يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، يېقىن قوشنا بولغان خوتەندە يۇقۇمدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟


شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىغا تېلېگرامما يوللىدى، خىزمەتچى خادىملار مۇنداق دېدى: ھازىر قەشقەردىن خوتەنگە كەلگەنلەر ۋە 14 كۈن ئىچىدە قەشقەردە تۇرۇش تارىخى بارلار خوتەنگە كەلگەندە مەركەزلىك ئايرىۋېتىشنى يولغا قويۇلدى، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەنلەرگە ۋاقتىنچە مەركەزلىك ئايرىشنىڭ ھاجىتى يوق.


ئىگىلىنىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى كەچتە، خوتەن شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەھەللىلەردە ئاھالىلەرگە نوكلىئېك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرغان، شەھەر ئاھالىلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تېببىي خادىملارنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىشىنى تاماملىشىغا تەرتىپلىك ماسلاشقان.


» ھۆكۈمەت ئاھالىلەرگە ئارقا تىرەك بولسا، بىزمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەيمىز، نورمال تۇرمۇش ياخشى بولسىلا، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلالايمىز» . خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي ئولتۇراق رايونىدىكى ليۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 24- كۈنى كەچتە، مەھەللە ئۈندىدار توپىدا نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر تەرتىپلىك رەتكە تىزىلىپ، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنغان.


«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمىز كۈچەيدى، ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، پات-پات دېزىنفېكسىيە قىلىش نورمال ئەھۋال بولۇپ قالدى، شۇڭا قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەر كۈنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خەۋەرگە دىققەت قىلىمىز. خوتەن شەھىرى ئاھالىسى پېي ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 24 ـ ئۆكتەبىر ئۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ئۈندىدار توپىدا:10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن بۇيان، قەشقەردە تۇرۇش تارىخى بار شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئالدى بىلەن نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەن ھەم مەھەللىنىڭ ساغلاملىق باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان.


» قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان بىر يۇقۇملانغۇچى بايقالدى» دېگەن خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خوتەن شەھىرىدىكى بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى ئۆچرەتتە مال سېتىۋېلىشقا ساقلاشقا باشلىدى. مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى ئىتتىرىۋاتقان جېڭ خانىم مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە قورقۇپ كەتمىدىم، ئىشقىلىپ تەييار چۆپ سېتىۋېلىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق، ئاساسلىقى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېلىۋاتىدۇ، مەنمۇ سېتىۋالىمەن.


مۇخبىر نەق مەيداننى زىيارەت قىلىپ، گۈرۈچ، ئاشلىق، ياغ، ئىچىدىغان سۇ، كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مال جازىلىرى بىلەن لىق تولغانلىقىنى، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى، خىزمەتچىلەر پالەكنىڭ يېرىمى قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال مال تولۇقلىدى، ئادەم ئېقىم مىقدارى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن سەل كۆپەيگەن بولسىمۇ، نەق مەيداندا قىستاڭچىلىق، قالايمىقانچىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، خوتەن شەھىرى خەلقنى مەركەز قىلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، داۋاملىق « ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» تىن ساقلاندى.


640-42.png

来源:人民网新疆频道

监制:麦提江

审稿:阿米娜

翻译:麦提江

640-529.jpeg

www.alkuyi.com


分享到: