新闻详情

بېيجىڭ: قەشقەردىن بېيجىڭغا كېلىدىغانلار يەتتە كۈن ئ‍ىچىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولىشى كېرەك

发表时间:2020-10-26 22:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:بېيجىڭ گېزىتى

خەلق تورى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: شەھەر ئاھالىسىگە يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، يېقىنقى مەزگىلدە ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ ساياھەت قىلماسلىق ۋە كاماندىروپكىغا چىقماسلىق توغرىسىدا زۆرۈر تەكلىپ بېرىمىز، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق مۇستەھكەملەش كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى 26-ئۆكتەبىر 172-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.


بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ خېجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا ھازىر كېسەل ئالامىتى يوق يۇقۇملانغانلار 138 بولۇپ، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن. نۆۋەتتە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى، توققۇزاق بازىرى، ئوغۇساق بازىرى، سايباغ يېزىسى قاتارلىق تۆت يېزا ـ بازاردا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ خەۋپ ـ خەتەر دەرىجىسى خەتەرلىك، باشقا يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى ئوتتۇراھال خەۋپ ـ خەتەر دەپ بېكىتىلدى؛ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيە، شەھەرلىرى تۆۋەن خەۋپ ـ خەتەر دەپ بېكىتىلىپ، كەڭ كۆلەمدە نوكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلماقتا.

شۈ خېجيەن مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ كىرىشتىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پايتەخت بېيجىڭغا كىرىشنى قاتتىق باشقۇرۇش، بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە كونترول قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى قەشقەر تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېيجىڭغا كىرىشتىكى زۆرۈر باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھازىر قەشقەردىكى خادىملارنىڭ يېقىندا بېيجىڭغا كىرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، مۇھىم ھۆكۈمەت ئىشى ياكى شەخسىي جىددىي ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېيجىڭغا كىرىشكە توغرا كەلسە، بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى يەتتە كۈن   ئىچىدىكى   نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مەنپىي ئىسپاتى بولۇش ياكى نوكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام يول يۈرۈش كودى« يېشىل كود» نى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى، بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈريول، تاشيوللار بېيجىڭغا كىرىدىغان يوللاردا ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تەييارلىق قىلىش ۋە ماسلىشىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


نۆۋەتتە، بېيجىڭدا تورىۋاتقانلار   14 كۈن ئىچىدە قەشقەردە تۇرۇشلۇق تارىخى بارلار، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە، ئورۇنغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئالاقىدار ئەھۋاللار بولسا، دەرھال نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر ئاھالىلىرىگە يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىگە ساياھەتكە ۋە كاماندىروپكىغا بارماسلىقنى، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق مۇستەھكەملەشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بېيجىڭ تەرەپنىڭ ئەسكەرتمىسى: يېقىنقى 14 كۈندە قەشقەردە ساياھەت تارىخى بارلار سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك


بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شياۋفېڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق يامراش ھالىتىدە تۇرماقتا، سىرتتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم. كۈز، قىش، ئەتىياز پەسىللىرى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن. چېگرا سىرتىدىكى خادىملار ئەگەر خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتسا، ئامال بار ئايروپىلان ئالمىشىشنى ئازايتىپ، بىۋاسىتە قاتناشنى تاللاپ، سەپەر ئۈستىدە كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى خادىملار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىشى، سەپەر جەريانىدا ماسكا تاقىشى، چېگرادىن كىرگەندە كارانتىن قىلىش، ساغلاملىقنى مەلۇم قىلىش، ئايرىۋېتىش، ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، 14 كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامۇۋاپىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، داۋالىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

ليۇ شياۋفېڭ شەھەر ئاھالىسىدىن زۆرۈر   بولمىسا چېگرادىن چىقماسلىق   ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان دۆلەت ۋە رايون بولۇشنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىلمىي ماسكا تاقاش، قولىنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، توپلاشماسلىق، باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن يۇقىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى ساقلاش قاتارلىق شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى.


ليۇ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى سائەت 24كىچە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 138 نى دوكلات قىلدى. شەھەر ئاھالىلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز، ئەگەر يېقىندا ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە ساياھەتكە ۋە كاماندىروپكىغا چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز. يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدە قەشقەردە ساياھەت تارىخى بار شەھەر ئاھالىسى دوستلار، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ياخشى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىڭ، مەسىلەن، قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالاش ماسكىسىنى تاقاپ يېقىن ئەتراپتىكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىڭ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭ


分享到: