新闻详情

مېيتۈەن 25 مىليارد 500 مىليون باھا بىلەن موبەي ھەمبەھر ۋېلسىپىتىنى سېتىۋالدى

发表时间:2020-10-26 22:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېشۈن

تيەنيەنچا App دېتالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، گۇاڭجۇ موبەي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە سودا-سانائەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، خۇ ۋېيۋېي قانۇنىي ۋەكىل، مۇدىر، دىرېكتورلۇقتىن چېكىنىپ، لى ياڭ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغان؛ شيا يىپىڭ نازارەتچىلىكتىن چېكىنىپ، گاۋ جيې ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغان؛

گۇاڭجۇ موبەي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 5 مىليون خەلق پۇلى، تىجارەت دائىرىسى كارتون ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەش مۇلازىمىتى، مودېل لايىھەلەش مۇلازىمىتى، ۋېلىسىپىت ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پاي ھوقۇقىنى ئىسخىمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت بېيجىڭ موبەي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى %100 كونترول قىلغان، كېيىنكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى ۋاڭ شىڭ بولۇپ، ئىلىكىدىكى پاي نىسبىتى %95 ئىكەن.

80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان خۇ ۋېيۋېينى تاراتقۇ كەسپىدىن چىقىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋەكىللىك شەخس دېيىشكە بولىدۇ.

خۇ ۋېيۋېي، ئايال، خەنزۇ، 1982-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭياڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، جېجياڭ داشۆسى شەھەر شۆيۈەنى ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، موبەي ھەمبەھر ۋېلىسىپىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.

2004-يىلى خۇ ۋېيۋېي جېجياڭ داشۆسى شەھەر شۆيۈەنى ئاخبارات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى» ئىقتىساد بۆلۈمىگە كىرىپ، ئاپتوموبىل مۇخبىرى بولغان، كېيىن يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»، «سودا قىممىتى» ۋە «جىكې باغچىسى»دا پەن-تېخنىكا خەۋىرى بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ ۋېيۋېينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇنجى خىزمىتى بولغان ئاپتوموبىل مۇخبىرلىق خىزمىتىنىڭ ئايلىق مائاشى ئاران 3000 يۈەن بولۇپ، ئۆي ئىجارىسى ۋە كۈندىلىك چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندە ئۆزىگە ھېچقانچە پۇل ئاشمايدىكەن.

2014 ـ يىلى، خۇ ۋېيۋېي خاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ بىر ئاممىۋى ۋېلىسىپىت ئىجارىگە ئېلىپ مىنمەكچى بولدى، لېكىن كارتا بېجىرىدىغان جاينىڭ ئىشىكى تاقالغان بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ۋېلىسىپىت ئىجارە ئېلىپ مىنىش پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. لېكىن بۇ كەچۈرمىشلەر ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى ئىلگىرى سۈردى. خۇ ۋېيۋېي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل دوستلار چەمبىرىكىدىن بىر ئەترەت تەشكىللەپ، موبەي ۋېلىسپىت تۈرىنى قۇردى.

2015 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، خۇ ۋېيۋېي بېيجىڭ موبەي پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى؛ 2016 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى موبەي ۋېلىسىپىتى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى ھەم شاڭخەيدە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى بېيجىڭغا رەسمىي كىردى.

ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت «ھەمبەھر ئىقتىساد» بوران ـ چاپقۇنىنى قوزغىدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ماگناتلارنى رىقابەتكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. گەرچە ھەمبەھر ۋېلىسىپىت كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك پۇل كۆيدۈرۈش رىقابىتى كارخانىنى خىرىسقا دۇچار قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ ئويۇنىغا ئايلاندى.

2018 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، موبەي ۋېلىسىپىتى 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئومۇمىي باھا بىلەن مېيتۈەنگە (ئەينى چاغدىكى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە، 25 مىليارد 500 مىليون خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلدى) سېتىپ بېرىلدى، مەبلەغ سالغۇچى ۋە قۇرغۇچى كوللېكتىپ 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل بىلەن مەيداندىن چىقىپ كەتتى. موبەي مېيتۈەنگە سېتىلغاندىن كېيىن، خۇ ۋېيۋېي 2018 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى موبەي ۋېلىسىپىتىنىڭ CEOلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

تاراتقۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ ۋېيۋېي موبەيدە ئىگىلىگەن پاي چېكى %9 ئەتراپىدا بولۇپ، 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا، خۇ ۋېيۋېي 67 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 420 مىليون خەلق پۇلى) نەق پۇل بىلەن موبەيدىن ئايرىلغان. لېكىن ئۈچىنچى تەرەپ ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇ ۋېيۋېي موبەيدە %36.12 پاي چېكىنى ئىگىلىگەن، ئۇنداقتا 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 1 مىليارد 690 مىليون خەلق پۇلى) نەق پۇلغا ئېرىشەلەيدىكەن. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، ئىگىلىك تىكلىگەن ئۈچ يىلدىن كېيىن، خۇ ۋېيۋېي ھازىر ئاز دېگەندىمۇ 420 مىليون يۈەنگە ئېرىشەلىشى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خۇ ۋېيۋېي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەق پۇلغا ئېرىشتى، گەرچە ئىگىلىك تىكلىشى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن بولغان خۇ ۋېيۋېي بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە نەچچە يۈز مىليون يۈەن پۇلى بار كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، موبەينىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى OFOنىڭ قۇرغۇچىسى داۋىد، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ قەرز قايتۇرۇشتىن ئىبارەت قىلتاققا پېتىپ قالغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىدى.


分享到: