新闻详情

لىن شىنرۇ ئالاقە تورىدىكى خو جيەنخۇاغا ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى ئۆچۈرۋەتتى

发表时间:2020-10-26 23:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن


يېقىندا بەزى تورداشلار لىن شىنرۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقارغان بەزى مەزمۇنلارنى يۇيۇۋەتكەنلىكىنى بايقىغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چىقارغان مەزمۇننى ئۆچۈرۋەتكەنلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.


لىن شىنرۇ 6-ئۆكتەبىر خو جيەنخۇا ئىككىسىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن سۈرىتىنى تورغا چىقارغان، ھەمدە «ھەر بىر كۈنۈم مۇھەببەت ۋە ئۈمىدكە تولغان» دېگەن يازمىنى قېتىپ قويغان، قارىماققا ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىدەك قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ يازمىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ جېدەللىشىپ قالغانلىقىنى تورداشلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويدى.


نەچچە كۈن ئىلگىرى تەيۋەن تاراتقۇلىرى لىن شىنرۇ بىلەن خو جيەنخۇانىڭ كوچا ئايلىنىۋاتقان ۋاقىتتىكى سۈرىتىنى تارتىۋالغان، دەسلەپتە ئىككەيلەن خۇشال ھالدا قوللىرىنى تۇتۇپ ماڭغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇزاق ئۆتمەي ئىككەيلەن كوچىدىلا جېدەللىشىپ قالغان، ھەتتا ئاخىرىدا ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا ماڭغان.


تەيۋەن تاراتقۇلىرى داۋاملىق ئۇلارنى كۆزەتكەن، ئۇلار تاكاللىشىپ قالغاندىن كېيىن خو جيەنخۇا لىن شىنرۇنى تۇتۇپ قالمىدى، لىن شىنرۇ ئۆزى يالغۇز قايتتى، ھەمدە يولدا ماڭغاچ يۈزىنى توسىۋالدى، قارىماققا ئۇنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولغاندەك قىلاتتى.


كېيىن ئۇ يول بويىدا يالغۇز ئولتۇردى، خو جيەنخۇا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىدى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشۇش قارىماققا بىر قەدەر ئېغىردەك قىلاتتى، تورداشلار ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى. ئەمما لىن شىنرۇ ئىككەيلەننىڭ پىكىرىنىڭ بىر يەردىن چىقماي قالغانلىقىنى، ئارىسىدا چوڭ ئىش يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ تورداشلارنىڭ ئەندىشىسىگە جاۋاب قايتۇردى.


جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتىدا تېخى ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. ئەينى چاغدا تورداشلار خو جيەنخۇانىڭ لىن شىنرۇنىڭ خىزمەت مەيدانىغا بارغانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ جەم بولۇپ خۇشال تۇرغان ۋاقتىنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلىشقان.


تورداشلار «ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشى نورمال ئىش، نەدىمۇ تۇرمۇشتا ئەر-خوتۇنلار سوقۇشماي ئۆتىدىغان ئىش بولسۇن» دېدى. دېمىسىمۇ خو جيەنخۇا بىلەن لىن شىنرۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئادەتتىكى ئەر-ئاياللاردىن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشىغا ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.


لىن شىنرۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالاقە تورىدىكى مەزمۇننى ئۆچۈرۋەتكەنلىكى تورداشلارغا نامەلۇم، مەزمۇننى ئۆچۈرۋەتكىنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، لىن شىنرۇمۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىش بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرغان، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەنسىرەپ قالايمىقان پەرەز قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.


分享到: