新闻详情

ئاق ئېيىق ئەپسۇنى: بۇرۇنقى لايىقىنى ئۇنتۇيالماسلىق، ئورۇقلىيالماسلىق، ئۇخلىيالماسلىق

发表时间:2020-10-26 23:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:بەيدۇ تورى

مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغىنىمىزدا، ئەتراپىمىزدىكى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلەر ھەمىشە «قارشى تەرەپنى ئويلىمىساڭلا بولىدۇ» دەپ تەسەللىي بېرىدۇ؛ غەيرەتكە كېلىپ، ئورۇقلىماقچى بولغاندا، ئەتراپىڭىزدىكى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىڭىز يەنە «ئېغىزىڭنى باشقۇرساڭلا بولىدۇ» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ؛ ئۇخلىماقچى بولغاندا، سىز بەلكىم ئۆزىڭىزگە يەنە نەچچە مىڭ قېتىم «چوقۇم ئۇخلىمىسام بولمايدۇ» دېگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئەمما مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئورۇقلىماقچى بولغان ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە شۇ نۇقتا ئېنىقكى، بۇ خىل ئىشلار مەڭگۈ سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
ئەگەر سىزدىمۇ ئۆزىڭىزنى قانچە قىستىغانسېرى يۈز بەرمەيدىغان، ھەرىكىتىڭىز قانچە كەسكىن بولغانسېرى شۇنچە قارشىڭىزدىن چىقىدىغان زىددىيەت بولسا، بەلكىم سىزمۇ ئاق ئېيىق ئېففېكتىنىڭ پىسخىكىلىق قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
تۆۋەندە، بىر تەجرىبە ئىشلەپ بېقىڭ، كېيىنكى بىر مىنۇت ئىچىدە، ھەرگىزمۇ بىر ئاق ئېيىقنى ئويلىماڭ.

سىناپ باقتىڭىزمۇ؟
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ئاق ئېيىقنى ئويلىماي دېگەنسېرى ئويلاپ سالىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىزمۇ، يەنە كېلىپ، بۇنى سىنىمىغان ۋاقتىڭىزدىكىدىنمۇ بەكرەك كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىۋالىدۇ.
ئاق ئېيىق ئېففېكتىنى خارۋارد داشۆسىنىڭ ئىجتىمائىي پسىخولوگى دانېل ۋېگنېر (Daniel Wegner) ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مېڭىڭىزدە ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغان خىياللار پەيدا بولغاندا، سىز ئۆزىڭىزنى بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا، ئويلىسىڭىز بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا قانچە قىستىسىڭىز، ئاڭسىز ھالدا ئۆزىڭىزنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتى شەكىللىنىپ، كاللىڭىز ئىختىيارسىز ھالدا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى «ئويلىسا بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاۋاتامدۇ-يوق دەپ كۆزىتىپ تۇرۇۋالىدۇ-دە، نەتىجىدە ئۇ خىيال ئەكسىچە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتا ـ قايتا پەيدا بولىدىغان، تاشلىۋېتەلمەيدىغان زورۇقۇش خاراكتېرىدىكى تەپەككۇر شەكىللىنىپ، خۇددى ئەپسۇندەك قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
داڭلىق «ئاق ئېيىق» پىسخولوگىيە تەجرىبىسىدە، سىناق خادىملىرى قاتناشقۇچىلارغا مۇنداق بىر ئاددىي كۆرسەتمە بەرگەن: «ئاق ئېيىقنى ئويلىماڭ»، نەتىجىدە تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاق ئېيىقنى ئويلىماسلىققا تېگىشلىك سىنالغۇچىلار ئۆزىنى قانچە بېسىۋالغانسېرى، ئاق ئېيىقنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولۇش قېتىم سانى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.
بۇ تۇرمۇشتا، سىز ئۆزىڭىزگە جىنايەت، تەشۋىش، ئازاب، ۋەھىمە ھېس قىلدۇرىدىغان ئوي ـ پىكىرلەرنى قانچە تىرىشىپ ئويلىماي دېگەنسېرى، ئەكسىچە ناھايىتى زىددىيەتلىك ھالدا پەيدا بولۇپ، كەيپىياتىڭىزنى كۆپلەپ ئىگىلەپ، سەلبىي كەيپىياتنى تارقىتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ھالىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاق ئېيىق ئەپسۇنى
ئادەمنى بىزار قىلىدىغان خىياللار، يەنى جېنىڭىزنىڭ بېرىچە قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان خىياللارنىڭ ھەممىسى «ئاق ئېيىق»تۇر.
مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، قارشى تەرەپنى ئويلىماسلىققا ئۆزىنى قانچە مەجبۇرلىغانسېرى، شۇ ئادەمنىڭ ئوبرازى ۋە شۇنىڭغا ئائىت ئەسلىمىلەر كاللىڭىزدىن شۇنچە ئەگىپ كېتەلمەيدۇ؛ ئورۇقلىماقچى بولغاندا، ئۆزىنى تورت، تاتلىق تۈرۈم، يېرىم كېچىدىكى مەززىلىك تائاملارنى ئويلىماسلىققا قانچە قىستىغانسېرى، ئىشتىھاسى ئەكسىچە شۇنچە ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئۆزىنى ھەمىشە يوقىلاڭ خىياللارنى قىلماسلىققا قىستىغانسېرى، دائىم دېگۈدەك بىرەر-ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتسىمۇ، سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنى كونترول قىلغۇسىز ھالدا قالايمىقان خىياللار ئىچىگە پېتىپ قالىسىز؛ ھاراق-تاماكا ۋە زەھەر تاشلاش دېگەنلەر توغرىسىدا، ئارتۇقچە توختىلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.


ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا «ئاق ئېيىق»نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟
بەزى كىشىلەر بېسىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ، لېكىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاق ئېيىق تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، قانچە باسقانسېرى، سىزنىڭ ئېڭىڭىز «ئۆزىنى نازارەت قىلىش»نى قوزغىتىدۇ-دە، نەتىجىدە ئەكسىچە كاللىڭىزدىكى «ئاق ئېيىق»نىڭ ئوبرازى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، بەزى كىشىلەردە ھەتتا «ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قاڭقىش» ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن تاماكا تاشلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قايتا چەككەندە، ئەكسىچە ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك چېكىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بەزىلەر بولسا دىققىتىنى چېچىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، باشقا ئىشلارنى ئويلاپ، باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئىشلاردىن بولىدىغان خۇشاللىق سىزنى بىزار قىلىدىغان ئىشلاردىن ئاجىز بولسا، ئۈنۈمى يەنە ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. يەنە كېلىپ، دىققىتىنى چېچىش تاكتىكىسى كۆپ ھاللاردا رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، ھەتتا ئۆزىدىن بىزار بولۇشنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.


زورىغا بېسىش ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ پايدىسى يوق.
«ئاق ئېيىق»نى يوقىتىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:
دانېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆڭلىدىكى ئاق ئېيىقنى يوقىتىشنىڭ ئىككى خىل بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بار ئىكەن.
بىر خىلى «مۇھىتنى كونترول قىلىش».
يەنى سىزگە «ئاق ئېيىق»نى ئەسلىتىدىغان ئادەم ۋە شەيئىلەرنى چىقىرىۋېتىش، مەسىلەن، بۇرۇنقى لايىقىنىڭ سۈرىتىنى تاشلىۋېتىش، ھەرخىل تور ۋە ئەپلەردە قارشى تەرەپنىڭ ئىزىغا چۈشۈشنى توختىتىش، توڭلاتقۇغا ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قويماسلىق، ئۆيگە قايتقاندا ئۇششاق يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلار بەك كۆپ بولغان يولدىن ماڭماسلىق، نۇرغۇن تاماكا چېكىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىغا ئاز بېرىش قاتارلىقلار، بۇ «تەپەككۇر يىپ ئۇچىنى ئازايتىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بىز ھەممىمىز ئاڭسىز ھالدا چۈشكۈنلىشىپ، راھەت چەمبىرەككە قايتىپ قالىمىز، ياكى ئالدىراقسانلىق قىلىپ، ھەددىدىن زىيادە قاراملىق قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان ھالدا مۇھىتنى ئالماشتۇرىمىز، نەتىجىدە يا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز، يا يەنە بىر يېڭى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزدىكى تەپەككۇر يىپ ئۇچىنى ئازايتقاندا، مۇۋاپىق دائىرىدە باھالاپ، ئاقىلانە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك.


«ئاق ئېيىق»نى يوقىتىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى، ئۇدۇلدىن زەربە بېرىشتۇر.
كېلەر قېتىم، كۆڭلىڭىزدە يەنە ھېلىقىدەك كىشىنى بىزار قىلىدىغان خىيال پەيدا بولۇپ قالسا، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ، ئاندىن ئۇ خىيالنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈپ، ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۇدۇلدىن قۇچاقلاپ، بىئارام بولغان ھېسسىياتىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ. بۇ خىل ئۇسۇل قارىماققا زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، يەنە كېلىپ دەسلەپتە سىزنى بەك ئەركىن-ئازادە قىلالمىسىمۇ، لېكىن پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇدۇلدىن قۇچاقلاش ئۇسۇلى ئويلىمىغان يەردىن سەلبىي تەپەككۇرنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدىكەن.
ئەگەر سىز مۇھەببىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىغا ئۇزاققىچە پېتىپ قالسىڭىز، قانداق ئورۇقلىسىڭىزمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، كۆپ قېتىم تاماكا تاشلاپمۇ مەغلۇپ بولغان بولسىڭىز، «ئاق ئېيىق ئېففېكتى»نىڭ پىسخىكىلىق تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ بېقىڭ، بەلكىم ئۇنىڭدىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.


分享到: