新闻详情

ئۈرۈمچىدە ھەپتىنىڭ تۆتى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ ، تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن

发表时间:2020-10-26 23:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بۇ ھەپتە (10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە) ئۈرۈمچى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرقىي جەنۇب بورىنى ۋە سوغۇق ھاۋانى كۈتۈۋالىدۇ، تېمپېراتۇرىمۇ سەيشەنبە   كۈنى شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 13 كە ئۆرلەيدۇ، پەيشەنبە كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 گە چۈشىدۇ.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن شەنبە كۈنى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچلۈكلۈكى چەكلىك بولغاچقا، شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى« مۇزلاش نۇقتىسى» غا چۈشمىدى، ئەسلىدە ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتتىكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغمىدى. بۇ، بۇ يىل كۈزدىن بۇيان شەھەر رايونىدا ياغقان تۇنجى قار يەنە بىر قېتىم كېچىكتى.

مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەھەر رايونىدا ئۆتكەن يىللاردىكى تۇنجى قارنىڭ ئوتتۇرىچە ۋاقتى 13-ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى كەينىدە بولۇپ، بۇلتۇر شەھەر رايونىدا تۇنجى قار 18-ئۆكتەبىردە ياغقان. بۇ يىل 10-ئايدىن بۇيان، ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا تېمپۇراتۇرا سەل تۆۋەن بولدى، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا تېمپۇراتۇرا سەل يۇقىرى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ھاۋانىڭ ئەمەلىي كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىغاچقا، تىمپىراتۇرا چەكلىك چۈشتى، شۇڭا قار ياغمىدى.

شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئۈرۈمچىدە يەنىلا ئوچۇق ھاۋا رايى داۋاملىشىدىكەن، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدىكەن، سەيشەنبە كۈنىدىن چارشەنبە كۈنىگىچە شەرقىي جەنۇبتا بوران چىقىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، شەھەر رايونىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە بوران چىقىدىكەن. شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ تەسىرىدە، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 13 كە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 4 كە يېتىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، پەيشەنبە كۈندۈزگىچە، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شەھەر رايونىدا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، تاكى ھەپتە ئاخىرىغا قەدەر، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 10 ئىچىدە، ئەتىگەن، كەچتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 گە چۈشىدىكەن.


分享到: