新闻详情

يۇۋېنتۇسنىڭ باش تېرىنىرى كىرىستىيانو رونالدونىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى

发表时间:2020-10-27 01:00作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، يۇۋېنتۇسنىڭ باش تىرېنېرى پىرلو مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەھۋالى ھازىرچە ئۆزگەرمىدى، كوماندا يەنىلا ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتىدۇ.

«كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، بىز ھازىر ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتىمىز.» ـــ دېدى پېرلو.


ئەترەت ئىچىدىكى يارىنىڭ توختاش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا، پىرلو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ساندرو ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. دىبالا   مەيدانغا چىقسا بولىدۇ. موراتا قالتىس توپچى، دىبالا بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ. » دېدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى« مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو رونالدو مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئەگەر نەتىجىسى مەنپىيگە ئۆزگەرسە، ئۇ بەلكىم ھەپتە ئاخىرىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالى مۇمكىن ئىكەن.


分享到: